تۇنيۇقۇق بىلگە
ئىلھام توختى مۇئەللىم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى گوللاندىيەدىكى دەنخاخدا تارقىتىلغان “ ئەركىنلىك مۇكاپاتى“غا نائىل بولدى. تۈرمىگە كىرىپ كەتكىنىگە 3 يىل بولغان ئىلھام توختى مۇئەللىمگە ۋاكالىتەن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئىلھام توختى مۇئەللىم توغرۇلۇق ئەڭ دەسلەپكى خاتىرەم كوچا پاراڭلىرى ئىدى. تۇنجى قېتىم بىيجىڭغا بارغاندا ئىلھام توختى مۇئەللىمنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئەڭ باي ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا ئاسىياغا سالغان نەچچە مىليون دوللار مەبلىغى بار دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇ چاغ ”ئۇيغۇر بىز“ توربىتىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلەتتى. بېيجىڭغا يىلدا بىر ئىككى قېتىم بېرىپ تۇرغاچ، ھەر بارسام دادام ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان، ئارزۇسىغا يېتەلمەي ئارماندا قالغان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنى يوقلاپ ئۆتەتتىم. ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىغا بېرىش، بۇغدا، ئاماننىساخان رىستۇرانلىرىدا غىزالىنىش خۇددى ئۈرۈمچىدە دۆڭكۈۋرۈككە بارغانغا ئوخشاش تۇيغۇ بېرەتتى. ”ئۇيغۇر بىز“ مۇنبىرىگە ياردەملىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن بىر نەچچىسى بىلەن پاراڭلاشقان بولساممۇ، ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنى ئۇچرىتالمىغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە: ئۇلارنىڭ سانى، كەسپى، كىرىم مەنبەسى، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلىرى، قىيىنچىلىقلىرى، ئاقچى- كۆكچىلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. ئىلھام توختى مۇئەللىم بىزگە 2001 – يىلى پاكىستانغا تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەندە كۆرگەن، بىلگەنلىرىنى ھەرخىل ئېغىر تىپتىكى قۇراللارنىڭمۇ سەي بازىرىدىكى كۆكتاتلاردەك سېتىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەرگەنىدى. شۇ يىلى 11 – سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بىرىپ، ئامېرىكا ئافغانىستاننى بومباردىمان قىلغاندا ئىلھام توختى مۇئەللىمنى باشقىلار تۇتۇپ كېتىپ 4 ئاي قاماپ قويغانلىقى، ھۆكۈمەت ئىزدەپ تاپالماي مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكى، كىېيىن ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ئاقلىنىپ ساق – سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كېنو قويۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالغانىدىم. كېيىنلەردە ئىلھام توختى مۇئەللىمگە ياردەم بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2012 – يىللىرى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەردىن كۆردۈم. ئارىسىدا، مەن ئوبدان تونۇشىدىغان ئىككى ئوقۇغۇچى بار ئىدى.
2006 – يىلى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار “ تەڭرىتاغ پىدائىيلار ئەتىرىتى“ دەپ بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەردە تەتىل مەزگىلىدە پىدائىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ، دەرس ئۆتمەكچى بوپتۇ. مەن بىيجىڭدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتى يېنىغا جايلاشقان نىيۇجى مەسجىدكە جۈمەگە بارغان بىر كۈنۈم بادام دوپپا، چىمەن كۆڭلەڭ، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن، ھىجابلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەنە شۇ ئەتىرەت ئۈچۈن ئىئانە توپلاۋاتقان ئىكەن. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر يېرى چىرايىدىن بېيجىڭدا بازارچىلىق قىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، تېخى بايىلا مەن مەسجىد ھويلىسىدا ئاق ساتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان بىر ئۇيغۇر ياش ئىئانە ساندۇقىغا يانچۇقىنى كولاشتۇرۇپ بارلىق پۇلىنى سېلىۋەتتى. ئۇلا ئەمەس، ئۇنىڭغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئاقچى – كۆكچىلەر كەم دېگەندە 100 كويدىن بەس – بەستە ئىئانە بېرىشكە باشلىدى. ئۇلار كۆپ ئوقۇمىغان، ئەمما ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتكەنلەر ئىدى. ېىيىن بۇ ”تەڭرىتاغ پىدائىيلار ئەتىرىتى“نى باش بولۇپ قۇرغان ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىلارمۇ، 2007 – يىلى ئېنىقسىز سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم.
2009 – يىلى سىنتەبىردە بېيجىڭغا يەنە بىر قېتىم باردىم. 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىلھام توختى مۇئەللىم ھۆكۈمەتنىڭ تەقىبى ئاستىدا كۆپ ھەرەج تارتقان، سالام قىلىشمۇ تەسكە توختايدىغان بىر سىياسىي شەخىسكە ئايلانغان ئىدى. ئاڭلىدىمكى، ئىلھام مۇئەللىمنىڭ بانكا ھېساباتى توڭلىتىلغان ئىكەن. ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا پۇل يوق، مەكتەپ دوختۇرخانىسى بولسا ئاتچوت قىلىشنى رەت قىلغان، ئەينى چاغدىكى مىليونىر مۇئەللىم بىردىنلا پۇلى يوق، قاتتىق بېسىم ۋە مىللى ئازاب سەۋەبىدىن يوقسۇل بىتابقا ئايلانغان ئىكەن. مەكتەپ ھويلىسىدا ئىلھام توختى مۇئەللىمنى ئۇچرىتىپ، ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشمەكچى بولدۇميۇ، مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنى دالدىغا ئالغاندەك ئىما قىلىشى بىلەن بېشىمنى تۆۋەن تۇتقان ھالدا كېتىپ قالدىم. ئېنىقكى، ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ ئالدى – كەينىدە پايلاقچى بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ مۇئەللىمنىڭ شەنبە كۈنلىرى ئۆتىلىدىغان ئوچۇق دەرسلىرىگە قاتنىشىپ تۇردۇم. بۇ ئوچۇق دەرس 200 كىشىلىك چوڭ سىنىپتا ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئورۇندۇق تۈگۈل پەشتاقلارمۇ بىكار قالماي لىققىدە ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. بىيجىڭدىكى ھەرقايسى مەكتەپتىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە قۇتىراقۇلۇق قىلغان دەپ قارىلانغان ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يىراق – يىراقلاردىنمۇ كېلەتتى. مۇئەللىم ھېلىلا ساقچى تۇتۇپ ئەكىتىدىغاندەك سۆزلەرنى ھېچ قورقماستىن گۈر — گۈر ئاۋاز بىلەن سۆزلەيتتى. ئۆتكەن يىلى ئاڭلىسام ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ مەزگىلىدە مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ سوراققا چۈشۈپتۇ.
ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ ئەركىنلىكى تۈرمىگە ئېلىنغانغا ئۈچ يىل بولغان، ئەمما مۇئەللىمگە:“ ئەركىنلىك مۇكاپاتى“ تارقىتىلغان بۇ كۈندە مەن ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ ئىلھامبەخىش ماقالىسى :“ مېنىڭ غايەم ۋە خىزمەت تاللاش مۇساپەم“ دېگەن ماقالىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم. قايتا ئوقۇپ ئىلھام مۇئەللىمگە ھۆرمىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
ئىلھام توختى مۇئەللىم مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا خىزمەتكە چۈشكەن 1994 – يىلىدىن تارتىپ تۇتۇپ كىتىلگەن 2014 – يىلىغىچە بولغان 30 يىل مابەينىدە مىللەت ئۈچۈن، خىتتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى چۈشىنىش، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئەركىنلىكى، مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ئىدى. پۈتۈنلەي ھوقۇقدار ساقچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ زىيالىي ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ يالۋۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ تەھدىت سېلىشى، مەكتەپنىڭ خىزمەتتىن چەكلىشى، پاكىستانغا ئەۋەتىۋىتىشى، ئىقتىسادىنى توڭلىتىۋىتىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق روھىي بېسىملارغا قەتئىي باش ئەگمىگەن ئىدى. ئۇ قىلىۋاتقان دەۋاسىدىن ۋاز كەچسە، كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان مىللىي خارلىق ۋە زىددىيەتنىڭ ھامان ئۇيغۇرلارنى يۇتۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. مانا بۇ ئىلھام مۇئەللىمنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق يۈزى. بۇ ھەقتە يۇتۇپتىن ئىزدەنسەڭلارمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلالايسىلەر.
ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ مېنى تېخىمۇ بەك تەسىرلەندۈرگەن روھى بولسا مىللەت ئۈچۈن كۈرەشنى قۇرۇق دەۋا بىلەنلا قىلماستىن، بۇ دەۋانى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ۋە تەسىر دائىرىسى كەڭ قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ھىسابلىنىدۇ. ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە پروففىسور ئاتالغان ئىلھام توختى مۇئەللىم 1994 – يىلىدىن باشلاپ ھەر تۈرلۈك گېزىت – ژورناللارغا شىنجاڭ ئىقتىسادى ۋە مىللىي مەسىلە توغرىسىدا كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغاندىن باشقا، خىتتاينىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى قارا نىيەتلەرنى ئەتراپلىق، ئۈنۈملۈك تەھلىل قىلىش ئۈچۈن يەنە جەمئىيەتشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، جۇغراپىيەۋىي سىياسەتشۇناسلىق قاتارلىقلاردا بىلىم ئاشۇرىدۇ. كەسپى تەتقىقات نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىدىن باشقا يەنە كورىيان تىلى، ياپون تىلى، ئوردۇ تىلى، روس تىلى قاتارلىقلارنى ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنىدۇ. سېستىمىلىق ھالدا جەمئىيەت تەكشۈرىدۇ، تەتقىق قىلىدۇ. مەغلۇب بولغان مىللىي سىياسەتلەرنىڭ سەۋەبى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىللىي سىياسەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئىزدىنىدۇ.
بىزدىكى مىللەتچىلىكتە كەم بولۇۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق ئىلمىي روھ! مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىتاب كۆرۈش، بىلىم ئاشۇرۇش، تىل ئۈگۈنۈش، سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىزدىنىش دەل بىز ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىلمىي روھ!
كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزدە مىللەتچىلىك، ئۈممەتچىلىك ساددىلىق بىلەن توردا خىتتاينى تىللاش، شۇئار توۋلاش، نامايىشقا چىقىش، بەك بولسا ئازراق ئىقتىسادىي ياردەمدە بولۇش بىلەن كۇپايە بولماقتا. ئىقتىسادىي ياردەمدە بولالىغانلار ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر بولماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەقدىرلەشكە ۋە تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس. مىللىتىمىزنىڭ ئومومىي ۋەزىيىتى، ئۆتمۈشى، كەلگۈسى توغرىسىدا ئىزدىنىشلەر ۋە ئۈگۈتۈشلەر تولىمۇ، تولىمۇ كەمچىل. خەلقئارانى، خىتتاينىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشۈنىشتە، چۈشەنگەنلىرىمىزنى يەتكۈزۈشتە بىز ئاشۇ پەسكەش خىتتايلاردىن تولىمۇ ئارقىدا تۇرىمىز. خىتتايلارنىڭ رەسمىي مۇتەخەسىسلىرى، تەتقىقاتچىلىرى، كەسپىي سىياسىي تەھلىلچىلىرىنى دېمەيلا قوياي، بۇلارنى دۆلەت سەۋىيىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلار دېيىشىڭلار مۇمكىن. ئەدناسى ئۈندىدار، ۋىيبو، مۇنبەر سۇپىلىرىدا ئاشكارە ھالدا خېلى سەۋىيەلىك ماقالە يازىدىغان سىياسىي، ھەربىي ئىختىيارىي تەھلىلچىلەرمۇ ساماندەك. ئەمما بىز ئۆزىمىزگە قارىساق ھەممىگە ئاشكارا دۇنيا ۋەزىيىتى تۈگۈل، كۆز ئالدىمىزدا، يېنىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىمۇ ئەتراپلىق تەھلىل قىلىشتىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز. بۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئاۋانگارت زىيالىيلىرىمىز بولسا ئاساسلىقى يەنە خىتتاي دىموكراتچىلارنىڭ لىكسىيەلىرىنى تەرجىمىسىز چاپلاش، ئىنگلىز تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزلىرىنى يېڭى يېزىققا ئۆرۈپ، ئۆزىدىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىش بىلەن بولىۋاتىدۇ.
ئەنە شۇ ۋەجىدىن ئىلھام توختى مۇئەللىم:“ مەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق كەسپى ساھەلەردە ئوقۇشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە كەسىپتە ئېرىشكەن شەخسىي مۇۋەپپىقىيىتىنى مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ كەسىپلەر كىشىلەرگە سېستىمىلىق مىتود ئاتا قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پاك، ساددا ۋە قىزغىن مىللى ھىسسىياتىنى قايناپ تۇرغان ھىسسىي ئىېنىرگىيەدىن ئەقلىي، ئىلمىي پوزىتسىيەگە ئايلاندۇرىشىغا ياردىمى بار. بۇنداق تەلىم ئېلىش ۋە نۇقتىئىنەزەرنى يېتىلدۈرۈش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تولىمۇ كەمچىل ۋە قىممەتلىك“ دەپ يازىدۇ.
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مىللەتكە ھەقىقىي نەپ بەرگەنلەر مەيلى دىندا ئوقۇسۇن مەيلى پەندە ئوقۇسۇن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان، خىزمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان، ۋەزىيەتنى ياخشى تونۇپ، كېسەلگە قاراپ شىپالىق ئىزدىگەن كىشىلەردۇر! شۇڭا سىز مىللىتىڭىزگە مەيلى مۇسۇلمان مىللەت دەپ كۆيۈنۈڭ، مەيلى ئۇيغۇر دەپ كۆيۈنۈڭ ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللەڭ، كېرەكلىك كىتابلارنى ئوقۇڭ، تورلاردىن ئىزدىنىڭ، ئۇنۋىرسال بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. بۇ ھازىر سىزگە تولىمۇ قولاي. زىيالىيلار دۇنياۋىي بىلىملەرنى، سىياسىي تەھلىللەرنى ئېرىنمەستىن ئۇيغۇر كونا يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ ھەممىگە قولاي فەيىسبۇك سەھىپىسىگە يوللىسا، ھەممە ئورتاق مەنپەئەتلەنسە دەيمەن . تالىپلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتى، ئىسلام تارىخى، سىياسىي چۈشەنچىسىدىن مۇسۇلمان مىللىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش، ئاۋامنىڭ ئىسلام چۈشەنچىسىنى قانداق ساپلاشتۇرۇش، مىڭ يىللىق ئىسلام دىيارى بولغان ۋەتىنىمىزنى قانداق قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا كىتاب كۆرۈپ، پىكرى ئوچۇق ئۆلىمالاردىن مەسلىھەت ئالسا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ۋەزىيىتىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان بىلىملەرنى ئورتاقلاشسا دەيمەن.
بۇنداق قىلىش مەۋھۇم تور مۇھىتىدا ئاسانلا گەپ – سۆزدە چەكتىن ئاشۇرىۋىتىدىغان مۇنازىرىلەردىن كۆپ ياخشى. مەيلى زىيالىي، مەيلى موللام بولسۇن ھەممىمىز ئىلمىي، ساغلام بولغان ئاۋازىمىز بىلەن خەلقنىڭ رايىنى ئاشقۇنلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرىدىن ئۆزىمىزگە مايىل قىلىشىمىز، جەمئىيەت كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئىجابى تەرەپكە يېتەكلىشىمىز ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى. مەيلى نېمىنى دەۋا قىلمايلى، قىلغان دەۋايىمىزدا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي بولايلى!