2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قارا كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىسى، خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دوتسېنتى ، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىندى. ئەينى كۈنى ۋە شۇ ھەپتىسى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئالدى-كەينى بولۇپ تۇتقۇن قىلىندى.
ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلدى. خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى زىيالىلار ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئېلىپ باردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خەلقئارجامائەت، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تەلىپى ۋە چاقىرىقلىرىغا پەرۋا قىلماي ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر بىز تورى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلغان ماقالە-ئەسەرلىرى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، فرانسىيە رادىئوسى، گېرمانىيە ئاۋازى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، نېۋيورك ۋاقتى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئۇنىڭ ئاتالمىش « جىنايى پاكىتلىرى» دەپ ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭغا « بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق » جىنايىتى ئارتىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئىلھام ئەپەندى 2008-يىلدىن تاكى تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوپبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مەسىلىلەرنى تەنقىدلەپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مەزكۇر توپلامدا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە سۇنىدىغىنىمىز، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى قايتىدىن رەتلەش ئاساسىدا تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىلىرى .
1سۆھبەت: « - 5-ئىيۇلدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى، ماددى ھاياتىدا ئەھمىيىتى زور ئىدى» (1)
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10292015142511.html/story_main?encoding=latin
ئىلھام توختى: «مەن ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلدىم، ئەمما تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە تورلار ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئۇيغۇرلارغا ئېغىر يوقىتىش بولدى»
(سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان كۈن 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 20 كۈنى. يەنى ئىلھام توختى ئەپەندى 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق بىر ئايلىق تۇتقۇندىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرالغان كۈنىنىڭ ئەتىسى )
2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئەمەلدارلىرىدىن پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى قاتارلىقلار ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئارتىپ، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەت ساھىپلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى تېلىۋىزوردا مۇنداق دېدى:
"چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەر پىلانلاش ئارقىلىق 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە چوڭ كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇردى.ئۇيغۇر بىز تورى، دىيارىم قاتارلىقلار 26-ئىيۇن شاۋگۈئەن ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئۆسەك سۆز تارقىتىپ كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ باردى.
نۇربەكرىنىڭ تېلىۋىزوردىكى باياناتىدىن كېيىن، ئىلھام ئەپەندىمۇ 7 -ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ ،شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى 26-ئاۋغۇست كۈنى تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
شۇ كۈنىكى سۆھبەتنىڭ تېمىسى ئىلھام ئەپەندىنىڭ تۇتقۇن جەريانىدىكى ئەھۋالى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ، تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ۋە ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بولدى.
سۆھبەت جەريانىدا، تۇتقۇندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلھام ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت يەنە قايتا تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىنىڭ « ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق رولىنى ئوينىدى» دېگەن بەدنام ئارتىلىپ تاقىلىشى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى، تور يازارلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى، يەنىلا ئۆيىدە نەزەربەند ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شارائىتىنىڭ يېتىشىچە تۇتقۇن قىلىنغان تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
مۇخبىر مېھرىبان : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىلھام ئەپەندىمۇ ؟ مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى مېھرىبان.تۈنۈگۈننىڭياقى سىزگە تېلىفون قىلدۇق، ئەمما سىز بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتىمىز. سىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىڭىزنى سوراپ تېلىفون قىلىشىم.
ئىلھام توختى: رەخمەت مەن ھازىر ئۆيدە دەم ئېلىۋاتىمەن شۇ ....
مۇخبىر مېھرىبان: مەكتەپ باشلىنىپتىمۇ؟ سىزگە بۇ مەۋسۈم دەرس ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟
ئىلھام توختى: مەكتەپتە مۇئەللىملەر يىغىلغىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان ئوخشايدۇ. ھازىرغىچە ئۇلار ماڭا گەپ قىلمىدى، ياكى بىرسى كېلىپ ئىزلىمىدى.ھازىرقى ئەھۋالىمدا دەرسكە چىققىلى بولمايدۇ ، سالامەتلىكىم تېخى ئەسلىگە كەلمىدى.
مۇخبىر مېھرىبان : سىزنىڭ مەسىلىڭىز توغرۇلۇق مەكتەپتە مۇزاكىرە بوپتىمۇ؟ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
ئىلھام توختى: چوڭ يىغىنلاردا شىنجاڭدا مەن توگىرۇلۇق گەپ بولۇنغانلىقىنى ئاڭلىدىم.ماڭا ئۇلار تېخى سەن گۇناھسىز دىگەن خەتنى بەرگىنى يوق. ئەمىلىيەتتە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ، تېلىفون قىلىپ تۇرىدۇ ، ئىزدەپ تۇرىدۇ، ئۆيۈمگە كېلىپ تۇرىدۇ ئۇلار.بەلكىم ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش بولىشى مۈمكىن. ھازىر ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئەكىتىشىگە تەييار بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
مۇخبىر مېھرىبان: ئۇلار سىز بىلەن سۆھبەت جەريانىدا سىزگە قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟
ئىلھام توختى: ئادىمىلىكتە ھەر ھالدا بولىدۇ. بېيجىڭدە ساقچىلارنىڭ ساپاسىمۇ يۇقۇرى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدا خەنزۇ زىيالىلىرى مېنى بىلىدۇ، نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم بار، ئۇلار ئەھۋالىمغا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ دەپ بىلىمەن. شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مېنىڭ مەسىلەمنى غۇل-غۇلا بولۇپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇخلاش دەم ئېلىش تاماك يىيىش ۋاقتىمنى نەزەرگە ئالماي 24 سائەتلەپ سوراق قىلغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا تەن جازاسى بەرمىدى، ھاقارەت قىلمىدى دىسەم بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىغۇ. سوراق جەريانىدا ئۇلارنىڭ ماڭا " سەن بىر كىچىككىنە چۆمۈلە، خالىغان ۋاقىتتا ئەلۋەتتە سېنىڭ جېنىڭنى ئالالايمىز" دېگەن گەپلەرنى قىلغىنىمۇ راست. ھازىر ئوڭ قولۇم ئىشلىمەيدۇ ، سېزىمىنى يوقاتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنىسىز دەپ بىلىمەن...شۇڭا بۇ توغرۇلۇق سۆزلەشنىڭو ھازىرقى شارائىتتتا ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايمەن.
مۇخبىر مېھرىبان: شۇنداق ئەلۋەتتە سەۋەبىنى چۈشۈنىمەن. مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى تاقىۋېتىلدى. ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟
ئىلھام توختى: ئۇيغۇر بىز تورى ھازىر ئامېرىكىدا. بىز تور بېكىتىنىڭ باش ئاپاراتىنى ئامېرىكىغا يۆتكىۋەتكەن، شۇڭا بۇ يەردە نورمال شارائىتتا ئۇيغۇربىز تورىغا كىرگىلى بولمايدۇ. مەن بۈئەئۈن تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر بىز تورىغا چىقتىم.
مۇخبىر مېھرىبان: شۇنداقمۇ ئۇ تەرەپتە كۆرگىلى بولمامدۇ؟ بىزدە نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ.
ئىلھام توختى: شۇنداق بۇ يەردە تام ئاتلىمىسا ئېچىلمايدۇ. مەن قارىسام 5-ئىيۇلدىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تورنى زىيارەت قىلغانلار كۆپ ئاز بولسىمۇ، چەتەلدىن كىرىپ زىيارەت قىلىدىغانلار خېلى كۆپ ئىكەن. مېنىڭچە ئۇلار ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىززىقۇچىلار، مۇخبىرلار، سىياسەتچىلەر بولسا كېرەك. بۇرۇنقىدەك سەر خىل ماقالىلارنى يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ،ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇ يەرگە يەنىلا ئۇچۇرلار يوللىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىر مېھرىبان: ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئالالىدىڭىزمۇ؟
ئىلھام توختى: تور باشقۇرغۇچى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر ئالامىدىم، ئەمما بۈگۈن مەن ئۇيغۇربىز تورىنىڭ تور باشقۇترغۇچىلىرىدىن مۇخبىر غەيرەت نىيازنىڭ ئۇچۇرىنى ئالدىم. ئۇ ئۆزى ماڭا تېلىفون قىلغان ئىكەن. مەن تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىمدا غەيرەت نىياز ھەققىدە ئۆزۈم بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئېيتقان ئىدىم. ھازىر بىز تور بېكەتلىرىنى باشقۇرغۇچى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.
مۇخبىر مېھرىبان: شەبنەم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇللا مەمەتنىڭ ئەھلىچۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالىدىڭىزمۇ؟
ئىلھام توختى: ئۇنىڭ ئەھۋالىنى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا دېگەن ئىدىم. مەن يەنە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇ بال؛ئىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدىم.ئۇ بالا مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئىدى. بۈگۈن مەن ئابدۇللا ئىشلەيدىغان مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلىمى باشلىقى پەرھاتقا تېلىفون قىلدىم. بېيجىڭدىكى خەنزۇ زىيالىلىرى بۇ ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن ھازىر يەنىلا ئۈمىتۋار ھالەتتە، بەلكىم بۇ ئىشلار ھەل بولۇپ كېتەر دەپ قارايمەن. بۈگۈن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىمدا ئۇلارغىمۇ بۇ ئەھۋاللارنى دېگەن ئىدىم. بۇ يەردە ئۆزۈم ج خ مىنىستىرلىقىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۇيغۇر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەت يېزىۋاتقان ئىدىم. ئەمما ئۇلار تەكلىپ پىكرىمنى ئاڭلامدۇ ياكى ئاڭلىمامدۇ ، بۇ ئىشلارنى ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.لېكىن يەنىلا نورمال تەلەپنى قويۇش كېرەك، سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. ئۇ بالىلارنى بىز بىلىمىز ، ئىنسام يېنىدىكى مۈشۈگۈ يۈتۈپ كەتسىمۇ ئىزدەيدىغۇ . شۇڭا مەن تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىمەن. بگۈن غەيرەت نىياز بىلەن تېلىفون ئالاقىسى قىلالىدىم، ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ جىددى ھالەتتە بولسا كېرەك ، ئىككى مىنۇتلا پاراڭلىشالىدۇق. ھازىر كىشىلەر مەن بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدۇ، چۈنكى مەن بىلەن تېلىفڭون ئالاقىسى قىلغانلارنى، مەن بىلەن ئىزدەشكەنلەرنى ئۇلار ئىزدەپ ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ.
مۇخبىر مېھرىبان: رەخمەت ئىلھام ئەپەندى ، سىز ھازىر خەلقاراغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىڭىزنى ئېلان قىلىۋاتقان بىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇپ تونۇلدىڭىز. سىزبىلەن بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى ئېلان قىلسام بولامدۇ؟
ئىلھام توختى: بولىدۇ. مەن ھازىر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلارنى توپلاپ ئۇلار ھەققىدە تەلەپلەرنى يىزىۋاتىمەن. بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزسەك بولىدۇ.بۈگۈن مەن بىلەن ئالاقىلاشقىنىڭىزنى، غەيرەت نىياز قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقىمىز توغرىسىدىكى سۆھبەتنى رادىئودا ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.
مۇخبىر مېھرىبان: بولىدۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ پىكرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمىز. رەخمەت.
ئىلھام توختى: رەخمەت.