ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى، باياناتلىرى ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىدى.
ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان، ئادالەتنىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە تۇتقان يولى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەيدانغا كېلىپ، بەزىبىر خاتا چۈشەنچىلەر يامراپ كېتىشىگە باشلىدى. بۇ سەۋەب ئىلھام توختىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى توغرا، ئوبيېكتىپ ئۇسۇل ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.
2018-يىلنىڭ بېشىدا پىلانغا ئېلىنغان ئىككى ئايلىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئىلھام توختىغا ئاتالغان مەخسۇس تور بەت 8-مارت جامائەتكە ئېچىلدى. توربەتنى ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بىر خالىس ئىنىمىز لاھىيەلەپ چىققان بولۇپ ئىنگلىزچە ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئۈچ خىل تىلدا ئەسەرلەر قويۇلماقچى. مەزكۇر توربەتنىڭ مەقسىتى، ئىلھام توختىنىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ توپلاپ ۋە كەڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇپ، ئىلھام توختىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئىزدىنىشلەرگە ھەمدەمدە بولۇشتۇر. توربەتنىڭ ۋەزىپىسى ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە مەلۇمات، چۈشەنچە ۋە ئۇچۇرلارنى يىغىپ ئىنگلىزچە، خىتايچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىش، ئىلھام توختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر، دوكلاتلار ۋە تەتقىقاتلارنى توپلاش، ئىلھام توختى ھەققىدە ئىزدەنگۈچىلەرنى مەسلىھەت، مەنبە ۋە ھەمكارلىق بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
ئىلھام توختىنىڭ تەشەببۇسى ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق زىيالىيدۇر. ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئۇيغۇر ھۆرلۈككە چىقماي تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانى ئاتالغان ئىلھام توختىغا ھەقىقىي ئازادلىق بولمايدۇ. شۇڭا ئىلھام توختى ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ھەققىدىكى ئىجتىھاتلاردىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدا مەزكۇر توربەتتە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر دوستلارنىڭ مەدەت، مەسلىھەت ۋە مەنبەلەر بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج بولىدۇ. بىز بۇ پىدائيىلىق يولىدىكى ئەجرىمىزنىڭ قوبۇل بولۇشىنى، تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئىزچىل، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.