ئاتامنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن ۋاقتىم 2012-يىلى 2-فىۋرال كۈنى بولۇپ، ئۇ چاغدا بىز بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئىدۇق. ئاتام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتى(Indiana University) غا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىر يىللىق ئۆگىنىشكە بارماقچى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتام بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بارماقچى ۋە ئۇ يەرلىشىۋالغۇچە بىر قانچە ھەپتە ھەمدەمدە بولماقچى ئىدىم. ئەينى چاغدا، بىز ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولۇپ، پاسپورتىمىزنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تامغا ئۇرۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتتۇق. چىگرا خادىمى ئاتامنىڭ رەسمىيەت ھۆججەتلىرىنى ئىنتايىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، كومپىيۇتېرغا بىر نېمىلەرنى كىرگۈزۈشكە باشلىدى. تۇيۇقسىز بىخەتەرلىك خادىملىرى يېتىپ كەلدى ۋە بىزنى ئۆچىرەتتىن ئايرىپ ئېلىپ ماڭدى. بىز كىچىككىنە بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلدۇق، بۇ ئۆيدە نە يېمەكلىك، نە ھاجەتخانا يوق ئىدى. كېيىن، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئاتامنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلەپ، مېنى قويۇپ بەردى. مەن يىغلاپ تاشلىدىم، ئەمما ئاتامنىڭ زورى بىلەن ئايروپىلانغا چىقتىم.
ئۇ ماڭا مېنىڭ قەيسەر بولۇشىمنى، كۆز يېشىمنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكىمنى تاپىلىدى. ئۇ ماڭا ھەرگىز ئۆزۈڭنى ۋە ياكى ئۇيغۇر مىللىتىنى باشقىلارغا ئاجىز ھىس قىلدۇرما دېگەنىدى.
شۇ تاپتا ئاتامنى قاچان كۆرەلىشىمنى بىلمەيمەن، ھەتتا ئاتامنى كۆرەلەمدىم يوق، بۇنىسىمۇ ئېنىق ئەمەس.
ئاتام ئىلھام توختى بىر ئىقتىسادشۇناس ۋە يازغۇچى ئىدى. ئۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە تىرمىشىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ، ئەلمىساقتىن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا يەرلەشكەن. ئاتام ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىت قىلغاچقا، تور بېكىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى. 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شۇ ۋەقەدە يۈزلەرچە ئادەم قازا قىلغان، مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرلار بولسا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
شۇ يىلى يازدىن كېيىن، ئائىلەمدىكىلەر سەۋەبسىز نەزەربەنت قىلىنىشقا، يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشقا ئۇچراپ كەلدى، تېلىفونىمىزمۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاندى. مەن ئاتامغا تېلىفون قىلغان چاغلىرىمدا گاژ-گاژ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالاتتىم. ئاتام پات-پات چاقچاق قىلىپ «ساقچى تاغاڭ كېلىۋاتىدۇ» دەپ قوياتتى. بىر قېتىم، مەن مەكتەپدىن قايتىپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيدە ھېچكىمنىڭ قالمىغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالدىم. ئائىلەمدىكىلەر بېيجىڭدىن مەجبۇرىي نەچچە كۈن ئايرىلىپتىكەن. ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا ئاتام ئىككى ئىنىمنى ماشىنىسىغا سېلىپ، مومامنى ئەپكەلگىلى ماڭغاندا، بىخەتەرلىك خادىملىرى ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئاتامنىڭ ماشىنىسىنى سوقۇۋېتىپتۇ، ئىچىدىكى بىر خادىم تەھدىت سېلىپ «ئائىلەڭدىكىلەرنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپتۇ.
ئۇ ئىشدىن كېيىن، ئاتام ماڭا:« سىز ھازىر تېخى كىچىك، سىزنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن. سىز پەقەت مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ توغرا ۋە ھەقلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ» دېگەنىدى.
كۆپلىگەن خەنزۇ كۆچمەنلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىبىنى قوزغىماقتا ئىدى، ئۇيغۇرلار بۇ زىيادە كۆپ كۆچمەنلەرنىڭ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىپ قالماقتا، يېقىندا تېخى شىنجاڭنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ۋوگزالدا پارتلىتىش ۋە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ئالدىنقى ھەپتە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭ تېخىمۇ كەسكىن ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت مېنىڭ ئاتامغا ئوخشاش ئەزەلدىن زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىپ باقمىغان، ئۇيغۇرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرغا ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەرگە باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەت قىلىنىش تەلەپ قىلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنى ئويلىشىپ باقمىدى.
ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدىكى 15-يانۋاردا، مېنىڭ ئىندىئانادىكى ياتىقىمنىڭ ئىشىكى ئەنسىز چىكىلدى، ئىشىكنى چەككەن كىشى ئاتامنىڭ بىر دوستى بولۇپ، ئاتامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تېلىفونىدىن ئاتامنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدىم ھەمدە شۇنداق ھەيران قالدىمكى، ھەيرانلىقتىن يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.
ئۇدا بەش كۈن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن قەتئىي ئالاقە قىلالمىدىم. ئاخىرى ئۆگەي ئاپام بىلەن ئالاقىلىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئۆگەي ئاپام ئاتامنىڭ تۆت ۋە يەتتە ياشلاردىكى ئىككى ئىنىمنىڭ ئالدىدىلا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھېچكىم ئاتامنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمىگەن بولۇپ، بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆگەي ئاپام ئاندىن قولغا ئېلىش ئۇقتۇرىشىنى قولىغا ئاپتۇ. ئۇقتۇرۇشدا ئاتامنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن، بىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىمىزدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى شىنجاڭ تۈرمىسىگە تاشلانغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
ئاتامنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشى بۇ گەپنىڭ ئىنتايىن تېتىقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ، چۈنكى، ئاتام ھېچقاچان زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىپ باققان ئەمەس. ئاتام تور بېكىتىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، تىبەتچە ۋە ئىنگىلىزچە ماقالىلارنى ئېلان قىلغان، مەقسىدى پەقەتلا خەنزۇلارنىڭ خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىدى چۈشۈنۈش ۋە باراۋەرلىك ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلى ئاتامغا ئوخشاش كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلىماي، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ گۇناھى بار دېسە، گۇناھى كېشىلەرنى راھەتسىزلەندۈرىدىغان ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىگىدە خالاس.
كىچىك ۋاقتىمدا، دەرسدىن چۈشكەن چاغلاردا ئاتام مېنى ئەپكېلىۋالغىلى كېلەتتى. ئۆيگە قايتقۇچە بىز ناخشا توۋلاپ ماڭاتتۇق. مانا ئەمدى ئۇكىلىرىم ماڭا ئوخشاش ئاتىسى بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتالمايدىغان بولدى. ئۇلار ھەتتا كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە شاھىت بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېچىلىپ كېتىلىشىدەك قاباھەتنى باشتىن كەچۈردى. ئەمدىلىكتە، ھەتتاكى خوشنىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇكىلىرىم بىلەن ئوينىماس بوپتۇ. مەن ئامېرىكىدىن ئۇلارغا تېلىفون قىلغىنىمدا، ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مېنى قايتا كۆرەلەيدىغان كۆرەلمەيدىغانلىقلىرىنى سورىشىدۇ. مەن ئۇلارغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن.
مەن قورقمايمەن. ئاتام ئىنتايىن قەيسەر ۋە جەسۇر، جۈملىدىن دۇرۇرست بىرى ئىدى. ئۇ مېنى 18 يىل قوغدىدى. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كېلىپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، باشقىلارغا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى ئېيتىپ بېرىمەن، كۈچۈمنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئاتامنى قوغدايمەن. جەۋھەر ئىلھام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 5-ماي كۈنى نىيۇ-يوركقا كېلىپ. ئاتىسىغا ۋەكالەتەن «2014-يىللىق ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى\باربارا گولدسمىس ئەركىن ئىجادىيەت مۇكاپاتى»(2014 PEN/Barbara Goldsmith Freedom to Write Award )نى تاپشۇرۇپ ئالدى. مەزكۇر نوتۇق مۇكاپات مۇراسىمىدە سۆزلەنگەن.
ئۇيغۇر پرېس