(ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلھام توختىغا ئاتاپ يازغان شېئىرى)
مۇقەددىمە
كۆرۈشۈش نېسىپ بولمىسىمۇ گەر،
قەلبىمىز ئۇچراشقان بولسىچۇ ئەگەر.
سىزنىڭ ئىزىڭىز قالدى قەلبىمدە،
سۆزىڭىز،ئۆزىڭىز تېپىلماس گۆھەر.
***
«ئۇيغۇر!» دەپ سوقىدۇ ئوتلۇق بۇ يۈرەك،
«خەلقىم!» دەپ يىغلايدۇ ئازاپلىق يۈرەك،
«ئۇيغۇر!» دەپ كۈلىدۇ شادلىقتا يۈرەك.
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
سىزدە بار جاسارەت، سىزدە بار قۇۋۋەت،
سۆزىڭىز ئۇيغۇرغا بېرەر كۈچ-قۇدرەت،
ۋىجداننىڭ سوتىدا يەڭدىڭىز رەت-رەت،
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
«ئۇيغۇر!» دەپ قورقماستا سۆزلەر قىلدىڭىز،
ئۇيغۇرغا ھەردەمدە ئىلھام بەردىڭىز.
ئىسمىڭىز جىسمىڭىز خوپ كەلدى ئەجەپ،
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
ئەمدى چىقارمۇ سىزدەك بىر كىشى،
تارقىلىپ ھەر جايغا ئىزى ۋە ئىشى.
ئامانلىق تىلەيمەن رەببىمدىن ھەردەم،
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
سىزدەك ئوغلاندىن چىقسىچۇ يەنە،
بىر ئەمەس يۈز، مىڭدىن بولسىچۇ يەنە.
يىگىتتەك قىزلارمۇ چىقتىغۇ ئەنە،
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
قەلبىمىز سىز بىلەن ئەبەدىلئەبەد،
يۈرەكنىڭ قېتىدا ساقلىنار پەقەت.
ئاشكارە بولىدۇ ھامان ھەقىقەت،
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
خاتىمە
سىزدىكى خىسلەتنى يەنە مەدھىيلەپ،
تۈگەتمەك مەن ئۈچۈن قېيىن بىر تەلەپ.
مەدھىيە بولۇپلا قالماي بۇ يەنە ...
ئۇيغۇرغا چاقىرىق، ئۇيغۇرغا دەۋەت !
پەخرىسىز ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام ئەپەندى.
2014-يىلى 24-يانۋار، ئۈرۈمچى