ناۋادا سز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئەسىردىكى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا ئىشەنمىسىڭىز، ھەتتا چېكىنىپ كەتتى، دەپ قارىسىڭىز، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن-ئاخىر قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ چىقسىڭىز بولغىدەك. شۇندىلا سىز ئەينى زاماندىكى "باردۇر"دىكى ئازابلىق نىدالارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھەقىقىتىگە ئاجايىب باب كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز!
ئۇيغۇرلار خاتىرىسىدىن مەھرۇم قالغان، خاتىرىسى بولمىغانلىقتىن تۈنۈگۈن ئىشتكەنلىرىنى بۈگۈن ئۇنتۇيدۇ، ئەتە قايتا ئاڭلىغىنىدا يېڭىلىق ھېس قىلىشىدۇ. بىرەر ئىشنى قىلىشتىمۇ ھەم شۇنداق، تۈنۈگۈن بۇزۇپ قويغان ئىشىنى بۈگۈن ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەتە يەنە قىلىپ ئۆگۈن يەنە ئۇنتۇيدۇ!
ئادەتتە باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشقا ئامراق-يۇ، ئۆزەمنىڭكىنى تۈزىتىپ باقايچۇ، دېگەنلەر يادىغا يەتمەيدۇ! باشقىلار بىرەر ئىشقا تۇتۇنغاندا ياردەم بېرىشنى تەرك ئېتىدۇ ۋە ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا تومتاقلا قىلىپ :"ياخشى، ناچار، قوللايمەن، قارىشى تۇرىمەن، ياقتۇرمايمەن، ياقتۇرىمەن ... " دېيىشىپ قويىدۇ، نېمە دېگۈلۈك؟ قانداق قىلغۇلۇق؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا "ھاياجانلىنىدىغان، ئەمما قىمىرلىمايدىغان، ئاغزى مىدىرلىغىنى بىلەن يۈرىكى سالمايدىغانلار" ھەقىقەتەن كۆپ! ئۈمىدنى باشقىلارغىلا يۈكلەپ قويۇپ ئۆزىگە ئوبزورچى، تەنقىدچى، باھالىغۇچى قاتارىدىن ئورۇن بېرىشىدۇ! دەرۋەقە، كۆپ ھاللاردا ئۆزۈمنىڭ ھەم شۇنداقلىقىنى بايقىۋالدىم، ئەمما مەن ئۆزۈمنى تەكشۈرۈۋاتىمەن، ئېسىمنى تېپىۋېلىشقا قىمىرلاۋاتىمەن!
ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان ھالقىلىق پەيتكە كېلىپ قالدى، غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ۋە ئۇنىڭ يۈرگۈزۈلىشى "چوڭقۇرلىشىپ" بىر كۈچىسە بىراقلا قوزغىلىپ كېتىدىغان "چوڭقۇرلۇق"قا بېرىپ يەتتى. تۈزۈلمىنى ئىسلاھ قىلىش زۆرۈر، مىللىي مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا (قوش تىللىق مائارىپنى يۈرگۈزۈشنىڭ، مىللىي تىل-مەدەنىيەتكە سەل قاراشنىڭ نەتىجىسىنى ھازىرچە بىلىش قىيىن...) مۇھتاج، بايلىقنى ئېچىش زۆرۈر، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىشى كېرەك، جەمئىيەت مۇقىملىققا مۇھتاج. دۆلەت مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك! تۈرلۈك مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش بىلەن بىللە مەنپەئەتلىنىشكە تېگىشلىكلەرگىمۇ سەل قارالماسلىقى كېرەك، چىرىكلىك... بەزىلەر ھاماقەتلەرچە مايىللىقى بىلەن ئىنتىلىدۇ (ناۋادا رادىكال يولغا مېڭىپ قالسا، بۇ بىر ئاپەت)، گەپ-سۆز، ھەرىكەتتە ئېھتياتچان بو لۇشقا مەجىبۇرلاندۇق... ئېتىقاد بۆھرانى، مىللەت ئەزالىرىنىڭ خامۇشلىقى، يەنە بىز بىلگەن ۋە بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىللەتلەر... ھاماقەتلەرچە تۈزۈلگەن سىياسەتنىڭ بېسىمى(ئولتۇراق ئۆي سىياسىتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتى، پۇل سىياسىتى، ...ئىسلاھات)، تىرىكچىلىك بېسىمى، تارىخ، مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ ئىسكەنجىسى ۋەھاكازالار بىزگە ناھايىتى كۆپ قىيامەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مىللىي مائارىپ ئەنئەنىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا(تارىخىي ئاساس تەۋرىتىۋېتىلىدى)، ئېتىقاد سۇسلاشسا، 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ كىچىككىنە بۇ مىللەتنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇش بەسىي مۈشكۈل، بىلىم قاتلىمى ۋە سودا قاتلىمىدىكى خامۇشلۇق بۇنىڭدىن بىشارەتتۇر، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقاد بۆھرانى، تەپەككۇرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىدىغىنى بەلكىم مىللەتنىڭ زاۋاللىقى بولۇشى مۇمكىن... مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە تەرەققىياتى مۇتلەقكى، خېيىم-خەتەرگە ھامىلىدار بولغان بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا يول يوقمۇ؟ چېكىنىش ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس، ھال بۇكى يەنە بىر قۇتۇپقا ئۇزاپ رادىكاللىشىپ كېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ! پەقەت زەبەردەستلىك بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ "جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز" كېرەك، ئەمما كاللىنى سەگەك تۇتۇشىمىز، بولۇپمۇ بىلىم قاتلىمىدىكىلەر، سودا قاتلىمىدىكىلەر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زېممىمىزگە ئېلىشىمىز، رىقابەتكە قاتنىشىشىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي ماھىيەتلىك ئىدىيىسىدىن تانماسلىقىمىز، كۈلپەت ئېڭىمىزنى ھەر ۋاقت سۇسلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز، مىللەت ئالدىدا مەسئۇل بولۇش ئېڭىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، بۆھران ئېڭىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز لازىم.
ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىر ئەزاسى رېئاللىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش دولقۇنىغا ئاكتىپ ئىشتراك قىلىپ، ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشى كېرەك !
نۆۋەتتىكى جۇڭگو جەمئىيىتىدە قىممەت كۆپ مەنبەلىك، مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك "ئىناق"لىق دەرۋەقە ھەممىگە ياقىدىغان ئەقىدە، ئەمما مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان رېئاللىق ۋە كېلەچەك يۈزلىنىشى ئالدىدا، مىللىتىمىز "زىيادە تەشەببۇسكارسىز" ھا لەتتە تۇرۇۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا، ئەقەللىي ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداش ۋە ساقلاشقا ئىمكانىيەت بولمايۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا بۇنداق ئىناقلىق بارغانسېرى كىنايىلىك تۇيۇلماقتا. ئىلگىرى ئىناقلىق نەزەرىيەسىنى ھەممىدىن كۈچەپ تەرغىب قىلغانلار مانا ھازىر ئۇنىڭدىن بىزار بولماقتا، رېئاللىقتىكى ئىناقسىزلىق ئالدىدا ئۇنداق نەزەرىيە ھەرقانچە مۇكەممەل، نۇقسانسىز بولسىمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق نەرسە بو لۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق چۈشكۈنلۈك، روھسىزلىق ئىسكەنجىسىدە تېڭىرقىماقتا. ھەممىلا يەرنى، ھەممىلا ئىشنى، ھەممىلا نەرسىنى ساختىلىق قاپلاپ كەتكەن، ھەتتا ئىشەنچمۇ ساختىلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي شارائىتتا، ھەرقانچە ئېشىپ - تېشىپ تۇرغان ماددىي-مەئىشەتتىن ھالاۋەتلىنىۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىنىڭ توق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي روھىي كەيپىياتى ۋە قىياپىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، كىشىلىرىمىزدىكى ئەخلاق چۈشكۈنلىكىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكىنىنى بايقىماي قالمايمىز! مانا بۇ "ئىسلاھات"، "تەرەققىيات "، "ئىتتىپاقلىق" ۋە "زىيادە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىمىزنىڭ" بەدىلى بولسا كېرەك؟
ۋەھالەنكى، بارلىق ئىللەتلەر تاشقى مۇھىتتىن، سىياسەتتىن، كۆچمەنلەردىن سىڭىپ كىرگەن، دەپ قارىيالمايمىز!... نۇرغۇن مەسىلىلەر، زىددىيەتلەر، نۇرغۇن قاراڭغۇلۇق تەرەپلەر، مىللەت ئىللەتلىرى، ئېتىقاد بۆھرانى، مىللىي ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىبۇرۇنلا يو شۇرۇن بارئىدى، پەقەت بۇلارنىڭ ئاشكارىلىنىش كرىزىسىلا بولمىغان، خالاس. ئىدىيىمىزدىكىچەكلەنگەن نەرسىلەرئەركىنلىككە ئېرىشكەن ھامان ئۇ نەرسىلەرخۇددىي پاندورانىڭ قۇتىسىدىن ئېتىلىپ چىققان دەك ئوخچۇپ چىقىدۇ!
ھۆكۈمەت ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن غەربنىئېچىش ئىستراتېگىيىسىدە: "شىنجاڭنى ئېچىش، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش "، مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، قوش تىللىق مائارىپنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش"... دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تەدبىرلەر مىللىتىمىزنى قۇتقۇزالامدۇ؟
يېرىم ئەسردىن بېرى قولغا كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى بىت-چىت قىلىۋېتىدىغان يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ قالدى. ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان ئاتالمىش ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قارىغۇلارچە ئۈمىدۋارلىقنىڭ تو لۇق ئاساسى يوقلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. سىرتتا (ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىرتىدىكى جەمئىيەت) بىز گە بولغان بىرتەرەپلىمە قاراش، ئادىمىيلىك ۋە مىللەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى زىددىيەتكە بولغان تونۇشنىڭ كەملىكى، يەنە مىللەتنىڭ ئىلگىرىلىمەي بىر ئىزدا توختىۋېلىشى، نامراتلىق، نادانلىق... ۋەھاكازالار ھامان غا يەت زور ئىجتىمائىي ئىللەت ۋە مىللىي تو قۇنۇش تۇغدۇرىدۇ. ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىستراتېگىيە ۋە يۈرۈشلەشكەن سىياسەت ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئۈنۈمگە يەتكەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭدىن تېگىشلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلەرمىزمۇ؟ مىللىتىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ساقلىنىپ قالارمۇ؟ ئىناق، گۈللەنگەن ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى قۇرۇپ چىققىلى بولارمۇ؟
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رايون ئەھۋالىغا مۇناسىپ كېلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە سىياسىي، سىياسەت ئەندىزىسى زادى قانداق ؟ مەسىلىنىڭ ماھىيىتى دەل دۇنيا قاراشنىڭ خاتا بولغانلىقىدا. بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان! شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ھالەتنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتەلەيمىز؟ نىجاتكار يوق، تاشقى پلانېت ئادىمىگە تايىنالمايمىز، ئۆزىمىزنى پەقەت ئۆزىمىزلا قۇتقۇزالايمىز، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىلا، پەقەت بىزدە ئەقىل بولغاندىلا كېلەچەكىمىز پارلاق بولىدۇ، كېلەچەكىمىزدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ! بۇلار بىزدىن روھىي خامۇشلۇقتىن ئويغىنىشنى، شەخسىيەتچىلىك كىرلىرىغا تولۇپ كەتكەن مېڭىمىزنى پاك-پاكىز يۇيۇۋېتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ !
بەلكىم بىزنىڭ مۇھتاج بولۇۋاتقىنىمىز ھايات-ماماتلىق سىنىقى، قايتا يارىلىش بو لۇشى مۇمكىن، ئۇنداق بولمىغىنىدا، يەنى ئۇيغۇرلار قايتىدىن يارالمىغىنىدا روھىي خامۇشلۇقتىن ئويغىنىپ جۇڭگونىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرەلمەيدۇ!
مەزكۇر ماقالە LandLord(ئىلھام توختى) قەلىمىدە ئۇيغۇربىز تورىدا خىتايچە ئېلان قىلىنغان. كېيىن سەلكىن ۋە چوغلان تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.
ئەسلى مەنبە:
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=1123
http://www.choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=11486
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid=63648