6-ئاينىڭ 26-كۈنى يۇز بەرگەن قانلىق ۋەقە، يۇتۇب ئارقىلىق نەق مەيداندا يۇز بەرگەن ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. مەن بۇ ۋەقەنى "ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش" دىيىشكە قىلچە تىلىم بارمايدۇ، مەن بۇ ۋەقەنى 1949-يىلىدىن بېرى جوڭگودا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق مىللى ئۆچمەنلىك خاراكتېرىنى ئالغان ئەڭ ئېغىر "ئىرقى قاتىللىق" دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. شاۋگۈئەنلكلەر ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا شاۋگۈئەنلىك بىر قىسىم خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن جىنايەت ئۆتكۈزدى.
يۇتۇب[①] دىكى بۇ قانلىق ۋەقە مېنى قاتتىق ئازابقا قويدى. كۆرۈنۈشتە يەر ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالدى، سانسىزلىغان رادىكال خەنزۇ لار ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇۋاتىدۇ، ئېغىر تاياقتىن يەرگە يىقىلىپ مىدىرلاش كۈچىمۇ قالمىغان ئۇيغۇرلارمۇ ۋەھشىلەرچە كالتەكلىنىۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر كالتەك بىلەن قەبىھ ئۇرۇلۇشىدىن ھوشىنى بىلمەي يەردە ياتقان قېرىنداشلىرىمنى "بۇ شىنجاڭلىق تېخىچە ئۆلمەپتۇ..."، "ئاناڭنى xxx! بۇ تەرەپتە ئادەم كوپ تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇۋاتىمىز" دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز. ئۇلار ھەتتا ياش ئۇيغۇر قىزىنىمۇ قوغلاپ ئۇردى! ئادەم قېلىپىدىن چىققان بۇ ھايۋانلار، ئۇلار تەرىپىدىن قاتتىق زەخمىلەندۈرۈلۈپ ھوشسىزلانغان ئادەمنى ئۇرۇشقا قانداق قولى بېرىۋاتقاندا؟! ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئېغىر زەخمىلەندۈرگەنلىگىدىن، ھەتتا ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ھاياجانلىنىپ خوشال بولۇۋاتىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشتە[②] ساقچىلار، زاۋۇت قاراۋۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتىنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىۋاتىدۇ... شاۋگۈئەنلكلەر توردا ھاياجانلىنىپ 6-ئاينىڭ 22- كۈنى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ ئەتتىگەن 6 گىچە ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ، قوغلاپ قاتتىق ئۇرغانلىغىنى... بۇ ئارىلىقتا 20 زوراۋانلىققا قارشى ساقچى ماشىنىسى، 30 تىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسىنىڭ كەلگەنلىكى لېكىن ئۇلارنىڭ قاراپلا تۇرغانلىقىنى ، بۇرۇن بۇنداق جىم تۇرىدىغان ياۋاش ساقچى بار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى يازدى... ئۇلار يەنە زاۋۇت ياتاق رايونىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى 2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ يەردىكى قانلارنى ئاران تازىلاپ بولغانلىغى يازدى.
بۇ خىل ۋەقە شىنجاڭدا بولغان بولسا قانداق بولغان بولاتتى؟ ئەگەر شىنجاڭدا تۈمەنگە يېقىن ئۇيغۇرلار بىر نەچچە يۇز خەنزۇنى ئۇرغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟ تۈمەنگە يېقىن ئۇيغۇر ئەمەس ،بىرنەچچە ئونلا ئۇيغۇر يىغىلىپ نامايىش قىلغان بولسا ياكى نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولسا تولۇق قوراللانغان ھەربىيلەرنى ئىشقا سالغان بولاتتى. يەنە نۇرغۇنلىغان بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ھەتتا قاتناشمىغان تۇغقانلار، دوست بۇرادەرلەر تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان بولاتتى، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تېررورىسچى، بۆلگۈنچى، رادىكال ئىسلامچى دېگەن قالپاق بىلەن ئېتىلغانمۇ بولاتتى! ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ! مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يالغان، سەن ئويدۇرۇپ تېپىۋاتىسەن، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنى ئۇرسا مەلۇم بىر ئادەمنىڭ يالغان گەپ تارقىتىشى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئاددى سۈركۈلۈش دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دېمەكچىمۇ؟
ھازىر ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ لېكىن بەزىلەر، بەزى كۈچلەر، بەزى ھاكىمدارلار بۇ پەقەت زاۋۇتتىن ئىشتىن بوشىتىلغان بىرسى زاۋۇتتىن ئوچ ئىلىش ئۇچۇن "ئۇيغۇرلار خەنزۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى"، دىگەندەك يالغان گەپنى تارقاتقانلىقىدىن بولغان دەپ چۈشەندۈرۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دېلو ياكى ۋەقەنى ئىسپاتسىز بېكىتىش ئۇلار ئۇچۇن شۇنداق قولاي، شۇنداق ئاسانمۇ؟ ياكى بۇ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ھەر قانداق مەسىلىنى بېكىتىشتە ئىچكى جەھەتتىن بېكىتىۋالغان مىزانىمۇ؟ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك، زورلۇق، ئىرقى ھۇجۇم ئەسلى خەنزۇلار نومۇس قىلسا بولۇدىغان، ئەيىبلەشكە تىگىشلىك ۋەقە، ئېنىقكى ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى. ھازىر ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا 2 ئۇيغۇر ئۆلۈپ 100 گە يېقىن ئۇيغۇر زەخمىلەنگەن. لېكىن تا ھازىرغىچە مەيلى شىنجاڭدىن بولسۇن مەيلى شياۋگۈئەندىن بولسۇن بىرەر خەنزۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىدىن ئەپۇ سورىغىنىنى كۆرمىدۇق، ئۇلار نومۇس قىلىشنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئۇلاردا خەنزۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ھەتتا ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاقلاۋاتىدۇ، خەنزۇ ئېرىقچىلىرىنىڭ سانى شۇنچە كوپ، كۈچى شۇنچە كۈچلۈكمۇ؟ بۇ يالغان خەۋەرنى تاراتقان سانسىزلىغان خەنزۇ تورلىرىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ تور تاقىۋېتىلگىنى ياكى ئوچۇق ئەيىپلىگىنى يوققۇ؟ ياكى يالغان چۆچەك تارتقان سانسىزلىغان خەنزۇ تورلىرىدىن بىرەرسىمۇ بۇ قىلمىشى توغرۇلۇق ئەپۇ ياكى ئويلىنىش ماقالىسى يازغىنى يوققۇ؟ ئۇيغۇر بىز تورى ئۈچ يىل ئىچىدە ھىچ قانداق سەۋەبسىز 8 قېتىم تاقىۋەتىلگەنغۇ؟ يەنە تاقىساڭ تاقا! خەلق ئۇچۇن سۆزلىمىگەن ،خەلقنىڭ ئاھۇ پەرياتىغا ،ئاۋازىغا ھەمدەم بولمىغان تورنىڭ نېمە كېرىكى؟ ئىچكىرىگە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى ئۆزىنىڭ مۇيىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراپ، ئاجايىپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېخى بۇ ۋەقە توغرۇلۇق سوز ئاچقىنى يوق. بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى كۆپتۈرۈپ، جاۋىلداپ تەشۋىق قىلىشقا ئادەتلەنگەن شىنجاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ توغرۇلۇق خەۋەر ياكى ھىچ قانداق چۈشەنچە بەرگىنىمۇ يوق. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن يامانلىق ۋە كۈلپەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئادەتلەنگەنلىكى يەنە بىر قېتىم خەلق -ئالەم ئالدىدا ئىسپاتلىماقتا.
ئاتالمىش خەنزۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرى، كۈندە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە دەپ ۋارقىرايدىغان، ماقالە يازىدىغان خەنزۇدىنمۇ بىرى چىقىپ ھەقنى سوز قىلمىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى كەمسىتىش، مىللى زوراۋانلىق، مىللى قىرغىنلىق نورمال ھادىسەمىدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كېرىكى يوق، ئۇلار ھوقۇقسىز ھاياتقا ئادەتلەنگەن دەپ قارامدىغاندۇ؟
خوپ! ئۇلار بەلكىم ئوز ھوكۈمىتىنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكتىن، يالغان سۆزىگە ئىشىنىپ رەزىللىك بىلەن بۇ ئىرقى كەمسىتىش، ئىرقى ئۆچمەنلىك، ئىرقى قىرغىنچىلىقاتا ئۈنسىز سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقاندۇ! ئۇلار يەكەندە يۇز بەرگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر نارەسىدە قىزنى دەپسەندە قىلىش ۋەقەسىدىمۇ سۈكۈتتە تۇردىغۇ؟ ھەتتا بۇ ۋەقە توغرۇلۇق تورلاردا سۆزلىشىشنىمۇ چەكلىگەن ئىدىغۇ؟ پەرىزىمچە توردا بو ۋەقەگە ئىنكاس يازغان ئۇيغۇر تورداشلارمۇ بەلكىم "ئۇلار تەرىپىدىن" تۇتۇلغاندا ياكى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەندۇ؟
يالغان سۆز -چۆچەك تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق ئېنىق بولاتتىغۇ؟ ئۇنداقتا داۋاملىق قۇتراتقۇچۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭلار دەيدىغان خەنزۇلار بۇ قېتىم يەنە قانداق يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقار؟ نەق مەيداندىن ئىلىنغان فىلىمىدىن قارىغاندا گەرچە كۆپلىگەن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلسىمۇ ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە قېلىۋەرگەن. جۇڭگونىڭ ساقچىلىرى پەقەت خەنزۇلارنىڭلا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇلمۇ؟ شىنجاڭدا ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش ۋەقەلەرنىڭ قايسى بىرى بۇ قېتىمقى شىياۋگۈئەندە يۇز بەرگەن ۋەقەدىن ئېغىر؟ لېكىن بىز قايسى بىر ۋەقەدە ساقچى ياكى " ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز" دەپ تەرىپلىنىدىغان ئارمىيە تەرەپتىن ئوق چىقىرىپ باستۇرۇلمىغان؟ قايسى بىر ۋەقە تېروررېست ھەرىكىتى دەپ بېكىتىلمىگەن. بۇلتۇر خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئېلىپ بارغان تىچ يىغىلىشمۇ تېررورېستلار، رادىكال دىنچىلار، بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن قىلىندى دەپ بىرىنچى كۈنىلا خاراكتېرى بېكىتىلگەنغۇ؟ يەنە نەچچە ئونلىغان كىشى ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ سوراق قىلدىغۇ؟ زىندانغا تاشلانغىنىمۇ بار تېخى! جىنايىتى ئاددى قۇتراتقۇچى! بۆلگۈنچى! تېرورچى! ئۇلار ئاناڭغا باسقۇنچىلىق قىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار قايسى بىر خەنزۇنىڭ پېشىگە تېگىپ كەتكەن؟ شىياۋگۈئەندىكى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى نېمە دەپ بېكىتمەكچى؟ بۇ ئىشقا بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا مەركەزنىڭ قول تىققانلىقى ئېنىق بولدى. مەركەز سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى جۇ يوڭكاڭ ،مەركەز سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇئاڭدوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ۋاڭياڭ قاتارلىق ھوقۇقلۇق مەركەز رەھبەرلىرى مۇھىم يول يۇرۇقلارنى بەردى ۋە تەستىق سالدى. ئېنىقكى مەركەز سىياسى بيۇروسى بۇ ۋەقەدە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار مەركەزدىن ئۈمىد كۈتمەكتە، مەركەزنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرنى قانداق ئادىل بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، قانداق خاراكتېر بېكىتىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە. ئەلۋەتتە، شىنجاڭدىكى مىللى سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشىنى، يامان ۋەقەنىڭ ئويلىنىش، ياخشى بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
تېخى يېقىندىلا شىنجاڭ دائىرلىرى ئۆزلىرى كۆپ پۇل خەجلەپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە فىلىمدە، ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىدە ناھايىتى غەمخورلۇق ئىچىدە بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ماختىنىپ تەرىپلەپ شىنجاڭ 2-قانالدا قويغانغۇ؟ بۈگۈن بۇ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى بىتەلەي سەرگۈزەشتىلىرىگە نېمە دەپ جاۋاپ بەرمەكچى؟ بۇ بىتەلەي ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر سىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىلغان، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلارچۇ؟ قايسىڭلار تەشكىللەش، باشقۇرۇش، ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈڭلەرگە ئېلىپ ئورنۇڭلاردىن چۇشۇسىلەر؟ ئىچكىرىدىن خەنزۇ ئەمگەكچى كۈچلىرىنى مىليونلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىنى ھەر خىل تەشۋىقات بىلەن ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېلىش سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرماقچى؟ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن، خەنزۇچە ئۇقمايدۇ شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېغىر دىگەندەك سەپسەتىلەر يەنە كىشىنى قايىل قىلالارمۇ؟ ياكى ساپاسى تۆۋەن خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلار تەرەققى قىلغان خەنزۇ رايونلىرىدا ئىشلەشكە مۇۋاپىق، ئوز ئانا تىلىنىمۇ ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان ساۋاتسىز، يېرىم ساۋاتسىز گەنسۇلۇق، سىچۇئەنلىك، خېنەنلىك خەنزۇلار شىنجاڭدا ئىشلەشكە مۇۋاپىق دەپ قارامسىلەر؟ چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ خەتىرىنى سۇسلاشتۇرۇش، چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ خەنزۇچىلىققا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشىنىڭ خەتىرى مانا مەن دەپ ئىسپاتلاندىغۇ؟
ئېسىڭلارنى يىغىۋېلىڭلار! شائۇگۇئەنلىك خەنزۇلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچى كۈچلىرىگە قارتا ئېلىپ بارغان ئىرقى كەمسىتىش، ئىرقى زوراۋانلىق، ئىرقى قىرغىنلىق ئارقىلىق سىلەرگە جاۋاپ بەردى. يەنە شۇ خاتا سىياسەت پىلانىڭلار داۋاملىشىدىغان بولسا ھاكىمدار مىللەت خەنزۇنىڭ ئارىسىدىكى ئاۋازى ئەڭ كۈچلۈك ئىچكىرىلىكلەرنىڭ يەنى خەنزۇلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقىڭلار ئېنىق ئىسپاتلاندى.ئۇلار ئۇيغۇرلار كەبى قويدەك يوۋاش ئەمەس.
پارتىيە، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان سىياسىتى توغرا ئىجرا قىلىنسا بۇ خىل ۋەقە يۇز بەرگەن بولارمىدى؟ ئاپتونومىيە قانۇنى، ئەمگەك قانۇنى،... سىلەر ئۇچۇن قەغەز ئۈستىدىكى رەڭمۇ--يە؟
ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ ۋەقەگە ھىسسىياتچىل ئىنكاستا، ھەتتا
ئۆچ ئىلىش دىگەندەك خىياللاردا بولماسلىقىنى، يامانلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈشتىن ھەزەر
ئەيلەپ باشتىن- ئاياق قانۇنى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ
قېتىمقى ۋەقەدە ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىدۇر، ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى
بەرگەن خەۋەردىن قارىغاندا مەركەز ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرى بۇ ۋەقەدە پوزىتسىيىسى
ئېنىق يەنى قانۇن مىزاندۇر. قانۇنسىز ئىنكاس باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان جىنايىتىنى
سېتىۋالغانلىقتىن ئىبارەت-خالاس.
[①] http://www.youtube.com/watch?v=iaBoFdFC9EI&feature=related
[②] http://www.youtube.com/watch?v=dh7zpztz1tA&feature=related