تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
تۈنۈگۈن كەچ شۇنچە ھارغىنلىق بىلەن ئۇخلىغانىدىم. بۈگۈن بامدات ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشۈم بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. چۈشۈمدە بىر ئىككى مۇھىم نۇقتا بار، شۇڭا بۇ چۈش بولسىمۇ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ ئىلھامكامنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىدار، مەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامكامنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، خەلقئارا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئورتاق بېسىم چۈشۈرۈشنى سورايمەن .
ئۆزۈمنىڭ تۇرىدىغان يېرى ئامېرىكادا دەپ بىلىدىكەنمەن. يېنىمدا بىر دوستۇم بار، بۇ دوستۇمنىڭ كىملىكى باشتا ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەمما قانداق باردۇق بىلمەيمەن، چىگرادىن كىرىپتۇق. تۇنجى بولۇپ بارغان يىرىمىز ئىلھام مۇئەللىمنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن. چېگرادىن كىرگەندىن كېيىكى تۇنجى شەھەر ئۇيغۇر شەھىرى دەپ بىلدىم. تۇرالغۇ ناھايىتى كەڭ كەتكەن... چوڭ دەرۋازىدىن كىردىممۇ ، ئۇدۇل يولدىن كىردىممۇ ئەيتاۋۇر ئېنىق ئەمەس. ئەمما تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىنلا دەل-دەرەخلىك، باغۋارانلىق بىر كەڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى ئۆي ، غايەت ئۇزۇن بىر پېشايۋان كۆرۈنىدۇ. ئەتراپتىكى ئۆي بىلەن ئارىلىقى خىلى يىراق... ئۇدۇل تەرەپتە ناھايىتى ئېگىز تامنىڭ يېنىدا ئىلھام مۇئەللىم بىلەن جەۋھەرنى كۆردۈم. ئىلھام مۇئەللىم تامغا يېقىن بىر يەردە تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يۈزىنى يۇيۇۋېتىپتۇ. مەن يىراقتىن قىزىل كۆڭلەك كىيىۋالغان ، ھازىرقى ھالىتى بىلەن ئەينەن جەۋھەرنىڭ دادىسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم... يېقىنلاشقاندا بولسا ئۇنىڭ تاھارەت ئىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مۇئەللىم مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىدى. تۇرالماي يېقىلىپ كېتەي دېۋىدى، جەۋھەر قولىنى تۇتۇۋالدى. مەن دەرھال ئېڭىشىپ ئولتۇردۇم. ئەمما مۇئەللىم ئورنىدىن تۇرۇپ بولغاچقا مەن قايتا ئورنۇمدىن تۇراي دەپ كۈچىدىم، ئەمما بەك كۈچەپمۇ ئورنۇمدىن تۇرالماي ئارقامغا يېقىلىپ كەتتىم. مۇئەللىم ناھايىتى چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلەن: ياش تۇرۇپ ئاجىزلاپ كەتتىڭىز - دە، دېدى. ئارىدا باشقا سالام- سائەت بولدى... يېنىمدىكى دوستۇمنى تونۇشتۇرغىنىم ئېسىمدە، -بۇياق سىزگە ئاتالغان تور بېكەتنى ياسىغۇچى بولىدۇ، دىۋىدىم.. ئىلھامكام: بۇ ئۇكامنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان دېدى. قولۇمدىكى قارا سومكىدىكى ئىلھامكامغا ئالغان سوۋغاتلارنى جەۋھەر ياندىكى بىر كىچىك ئورۇندۇققا قويۇپ قويدى. سوۋغاتلار كىتاب ۋە يەنە بىر ئېغىرراق نەرسە بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما يېمەكلىك ۋە كىيىم-كېچەك ئەمەسلىكى ئېنىق.
ئارقىدىن ئىلھامكام ئىشارەت قىلدى. قارىغاندا ئۇ ئائىلە رېجىمىدا بولسا كېرەك دېدىم. ئارقىغا چېكىنىپ ھېلىراق كۆرۈشەيلى، دەپ چېقىپ كەتتۇق. چېقىپ كەتكەندىن كېيىن نەگە باردىم ، نېمە ئىش قىلدىم ئېسىمدە يوق... ئالاھازەل بىر ۋاقىتلاردىن كېيىن قايتا كەلدىم. مۇئەللىم پېشايۋان ئاستىدا بورا ئۈستىگە سېلىنغان كىچىك گىلەم جاينامازنى سېلىپ، ئەسر نامىزىغا تۇرۇپتۇ. مەن سەجدىگە ئۈلگۈرۈپتىمەن... نامازدىن پارىغ بولۇپ، مۇئەللىم قولىنى يۈزىگە كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تەڭ تۇرالىدۇق. ئۇ ناھايىتى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن كۈچەپ تۇرۇپ قۇچاقلىدى. ئۇ مەندىن سېمىز ئىدى، ئوزايىدىن نۇرغۇن دەيدىغان سۆزلىرى باردەك قىلاتتى ، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك باشقىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان ئادىتى بىلەن ئەھۋال سورىدى. شەخسى ھايات ھەققىدە بىر ئاز پاراڭلاشقىنىمىز ئېسىمدە ، ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك قەتئىي جىددىي ئەمەس، ناھايىتى تەمكىن، چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، ئەمما تەبەسسۇم بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن شەخسى پاراڭلارنى قىلدى. ئۇ سۆزىدە مەن يوق چاغلاردا مىنىڭ مەرھۇم دادام بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقانلىقىنى، يېقىن دوست بولۇپ قالغانلىقىنى دەپ:
- دادىڭىز بەك ئاق كۆڭۈل ۋە ئەخلاقلىق ئادەم ئىكەن . قارىغاندا ، بىزنىڭ ئاتۇشلۇقلاردىكى نەسەب ۋە ئۇرۇق ھەققىدىكى قاراشلار توغرا بولسا كېرەك، دېدى.
بىز يەنە نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشتۇق. ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن دادام بىلەن دوست بولغانلىقىنى ئاڭلاپ زېھنىم بۆلۈنۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، دەيتتىم ئىچىمدە. ئىككىمىز يەنە ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندىن، ۋە تۈركىيەدىكى ئورتاق بىر بۇرادىرىمىزنى ئەسلىگەندىن باشقا گەپلەر يادىمدا قالماپتۇ. ئۇ مېنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. ئۆيدە خانىمى ۋە يەنە ئۇچ كىچىك بالا ئويناۋاتاتتى. . مەن ئىتتىك كىرىپ بولۇپ ئايىغىمنى سىلىشىنى ئۇنتۇغانلىقىمنى بىلدىم، چېكىنىپ چېقىپ ئايىغىمنى سىلىۋېتىپ قايتا كىردىم…. .
چەكسىز قۇدرەتلىك ۋە مېھىر-مۇھاببەتلىك ياراتقۇچىمىزدىن ئۇستازىمىز ۋە يېتەكچىمىز ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغايسەن! ئامىن!
مەنبە: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى