(ئابدۇۋەلى ئايۇپ)
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتقۇن بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتە باياناتلار ئېلان قىلىندى، خەۋەرلەر ئىشلەندى، ئۇيغۇرلار قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى قىلىپ باقتى. ئەمما ھېچ بىر خەلقئارالىق مەتبۇئاتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتمىدى. مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر خەلقئارالىق تاراتقۇدا بۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىنمىدى. ئابدۇرېھىم ھېيت تۇتۇلغاندا تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ جىمىپ كېتىشىگە ھەيران قالغان بولساق، ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتقۇن بولغاندا دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشىغا شاھىت بولدۇق. نېمە ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولغان بۇ كىشىلەرگە دۇنيا ساداسىز قالىدۇ؟
بۇ سۈكۈتنىڭ باشتىكى سەۋەبى بۇ ناھەقچىلىككە، ئازابقا قالغان كىشىلەرنىڭ سۈكۈتى ۋە باشقىلارنىمۇ سۈكۈتكەن ئۈندىشى بولۇشى مۇمكىن. 2017-يىلى ئاپىرىل ئايلىرىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى گەرى شىخ ماڭا ئوبزورچى ھەققىدە تېلېفون قىلىپتۇ. (قاماقتىكى ئوبزورچىنىڭ ئائىلىسى ئىسمىنى ئاتاشقا پەۋقۇلئاددە قارشى بولغاچقا مۇشۇنداق ئاتاشقا مەجبۇر بولدۇم). ئۇ تېلېفوندا «سەنچە ئوبزورچىنى ئىككىنچى ئىلھام توختى شەكلىدە يېزىپ چىقسام، شۇ ئاساستا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارا قىلسام قانداق» دەپ سورىدى. مەن بۇرۇن مەزكۇر ئوبزورچىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىم ئۈچۈن بىر مۇنچە ھەرەج تارتقان بولغاچقا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي «سۈرۈشتە قىلىپ باقاي» دېدىم.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى زىيالىيلار ئارقىلىق يورۇتماق، خەلقئارا تاراتقۇدا ئېلان قىلماق ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان زىيالىيلارنى تىزىمغا ئالدۇق. دوستلارنىڭ ياردىمى بىلەن توپلاپ رەتلەنگەن يازغۇچى، شائىر ۋە تور باشقۇرغۇچى بولۇپ 20 ئەتراپىدا بولدى. بۇلارنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك ئىدى. سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ھېچ بىر كىشىدىن رۇخسەت بولمىدى. نەتىجىدە گەرى شىخنىڭ سۇئالىمۇ جاۋابسىز قالدى. ئۇ چاغدا تۇتۇلغان كىشىلەردىن شۇ ئوبزورچى بار ئىدى. ھازىر بۇلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىپ باردى. ھەتتا بۇ سان بىز ئاڭلىغاندىنمۇ كۆپ ئەمما بۇ بىر ئاشكارا مەخپىيەتلىك، بۇ مەخپىيەتنى ساقلاشقا تۇتقۇنلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەڭ قاتتىق تەشەببۇسكار.
مۇخبىرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە تۇتقۇن زىيالىيلارنىڭ تاراتقۇلاردا دىققەت تارتماسلىقى ئۇلارنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى قىلغان ئاشكارا سۆزى، ھەرىكىتى ياكى قارشىلىققا دائىر بىرەر روشەن بېشارەتنىڭ بولمىغىنى ئىكەن. ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن تاراتقۇلاردىن ئالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشكارا تۇتۇپ، ئەيىبلەپ، ئۇيغۇرلارغا ئىبرەت قىلىپ تەشۋىق قىلمىغان ئەھۋالدا بۇ ھەقتە خەۋەر يېزىشنىڭ قىممىتى تۆۋەن ئىكەن. تاراتقۇلارنىڭ نەزىرىدە ياكى شۇ تۇتقۇن بولغان كىشىنىڭ زۇلۇمغا قارشى سۆز ھەرىكەتلىرى بولۇشى، ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان دەپ جاكارلىشى، بۇ تۇتقۇن قىلىش ئۇيغۇردا بىر ئىجتىمائىي ھادىسىگە سەۋەب بولغان، ياكى تۇتقۇن شۇنداق بىر ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن.
تاراتقۇلارغا دىققەت قىلسام، مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلاشسام ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە ۋەتەندە قاماققا ئېلىنغانلار ھەققىدە سۆزلەشلىرى چوڭ خەۋەر ئەمەس ئىكەن. چەتئەلدىكى نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىشلارمۇ ۋەتەندە تۆت ئادەمنىڭ يىغىلىشىدەك دىققەت تارتىپ كەتمەيدىكەن. ۋەتەندە قاماققا ئېلىنغان بىر ئۇيغۇر خەۋەر پەيدا قىلغان بىلەن ئۇنىڭ چەتئەلدىكى داۋاسى خەۋەر ئەمەس ئىكەن. ھەتتا ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋاقتىمىز ئۇزارغانچە بىزنىڭ ئاخبارات قىممىتىمىزمۇ تۆۋەنلەپ بارىدىكەن. بىز ۋەتەندە زۇلۇم بار دېگەن بىلەن مۇخبىرلار بىزنىڭ گېپىمىزنى ئەمەس، شۇ زۇلۇمنى كۆرۈپ قېچىپ چىققان، شاھىت بولغان ياكى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ گېپىنى يېزىشىغا قىزىقىدىكەن. ئۇيغۇرغا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى ۋەتەندە قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بىر بوۋاقنىڭ ئاۋازى بىزنىڭ نەچچە مىڭ كىشى يىغىلىپ ۋارقىرىغىنىمىزدىن كۈچلۈك ئىسپاتلايدىكەن.
ئۇيغۇردا ئىككىنچى ئىلھام توختى بارمۇ؟ مېنىڭچە بار، بولۇشى كېرەك، ئەمما چەتئەلدە ئەمەس، تۇتۇلۇپ بولغانلار قاتارىدا ئەمەس، تۇتۇلمىغانلارنىڭ، تۇتۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا. ئىككىنچى ئىلھام توختى قاماقتا قىينىلىۋاتقانلار قاتارىدا ئەمەس شۇ قىيناقلارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە. ئىلھام توختىنى دۇنيانىڭ دىققىتىگە نائىل قىلغىنى نەق مەيداندا، زالىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ھەقنى سۆزلىگەنلىكىدۇر. ئىككىنچى ئىلھام توختىلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ بىر ئەزايى سۈپىتىدە، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر سۈپىتىدە، ھەقنى سۆزلىگەن، ياقىلىغان ۋە قوغدىغان بىر ئىنسان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقسا بەلكىم بىز مۇھاجىرەتتە نەچچە يىل داۋا قىلىپ ئاڭلىتالمىغان سادا جاھاننىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئەكس سادا قايتۇرۇشى مۇمكىن.