ئافراسياپ
ئىلھام توختى كۆز-قاراشلىرى، ئەسەرلىرى، پائالىيەتلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، مەيدانى ۋە ھاياتى غايىسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە.
<<ئىلھام توختى> > دېگەن كىشىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنى چۈشىنىش كېرەك، ئىلھام توختى ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر شەخس، ئىلھام توختى بىر ئىقتىسادشۇناس، كەسپى ئىلىم ئەھلى.
ئىلھام توختىنىڭ مەيدانى ۋە ھاياتىغا باھا بېرىشتە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قانداق ئىجتىمائىي ئۆلچەملەر ياكى قىممەت قاراشلار بىلەن يەنى دىن، قانۇن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياكى ئىنسانى ھوقۇق،
ئەخلاق ۋە مىھىر-مۇھەببەت، ئائىلىگە بولغان ساداقەت، ئىجتىمائىي خىزمەت، مىللەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دېگەندەك ئۆلچەملەر ئۇنىڭ قىممىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
بىر شەخسنىڭ مىجەز-خۇلقى، ئائىلىسى، تارىخى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار يەرشارىلاشقان ئىنتېرنېت ئارقىلىق تولۇق ئورتاقلاشقىلى بولىدىغان بىر خەۋەر دۇنياسىدا ئۇنىڭ ھەر قانداق كەمچىلىكىمۇ كۆزدىن قۇتۇلالمايدىغان بىر ھالەتتە تۇرۇقلۇق، ئۇ ئادالەت ۋە ھوقۇق ئۆلچىمى، ئېزىلگۈچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىردەك ھۆرمىتى ۋە بىر مەيداندا تۇرۇشىغا ئېرىشكەن شەخستۇر. ھەتتا يالغانچى ھۆكمەتنىڭ ئۇنىڭ شەخسى پەزىلىتىگە ئارتقان تۆھمەت تەشۋىقاتلىرىمۇ قوبۇل قىلىشقا ئېرىشەلمىدى.
ئىلھام توختى ئالدى بىلەن بىر كەسىپنىڭ مۇتەخەسسىسى، ئۇ دەرىجىلىك ئىلمى ژۇرناللاردا ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان تەتقىقاتچى، ئىلھام توختى بىر ئوقۇتقۇچى، كەسىپچانلىقى، خىزمەت ۋە كەسپى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغان ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە ھېچبىر ئۇيغۇرغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان بىر جۇغراپىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا باشقا مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ پۇت تىكلەپ تۇرغان ئىقتىدارلىق مۇئەللىم، شەخسى تۇرمۇشتا كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، ئىللىق ئائىلىسى بولغان شەخس.
ئىلھام مۇئەللىم ئىمكانى دائىرىسىدىكى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئىلھام توختىنى يوقىتىش يېڭى كومپارتىيە دىكتاتورلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مىللىي سۇيىقەستلەرنى ئىجرا قىلىشتىكى تۇنجى قەدىمى ئىدى. 2009-يىلى ئىيۇل ۋەقەسىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ نامى خەلقئارالاشتۇرۇلغان ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ خۇجىنتاۋغا بېسم چۈشۈرۈشى ۋە خەلقئارانىڭ خىتاينى كەسكىن ئەيىبلىشى، نەچچە خىتاي ۋە تىبەت زىيالىيلىرىنىڭ تەلەپ خېتى نەتىجىسىدە ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يوشۇرۇن تەھدىت كۈچىنى ھېس قىلدى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى كەسكىن ۋە تىز سۈرئەتتە يولغا قويۇشقا باشلىدى.
ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ خىتاي تىلىدا مېدىيا قۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن مۇستەملىكىچى مىللەت زىيالىيلىرىغا بىلدۈردى ئاخبارات قائىدىسى بويىچە پاكىتلىق، قانۇنلۇق، ئئىشەنچلىك، كۆپ تەرەپلىك مەنبە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى، ئۇيغۇرغا قارىتىلغان تۈرلۈك يالغانلارغا رەددىيە قايتۇردى، ئوغرى، زەھەرچى قاتارلىق ئەيىبلەشلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشەندۈردى. ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىنى ۋە ئوبرازىنى قوغدىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئىنسانلارچە ياشىيالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان خىتاي زىيالىيلار قوشۇنىغا تەسىر كۆرسەتتى. خىتاي، تىبەت، موڭغۇللاردىن بىر ئەۋلاد ياش زىيالىيلارغا تەسىر كۆرسەتتى .
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق ئاڭلاتتى، ئالدى بىلەن ئىجرا قىلىنمايۋاتقان << قانۇن > > مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىنى مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرۇپ مىدياغا كەڭ كۆلەمدە ئاشكارا قىلالىغان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇپ قالدى.
ئۇ بۇنىڭدىن باشقا مىللەتلەر ئارا باراۋەرسىزلىك مەسلىسنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
<<قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى> > ۋە <<مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولماسلىقى> > خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپكى ئاجىزلىقى بولۇپ، بۇنى ئىلھام توختى ئەپەندى نېگىزىدىن تۇتقانىدى .
ئىلھام ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، دىنى-ئېدقاد جەھەتتە مەجبۇرەن پەيدا قىلىنغان كرىزىسلارنى جىددىي مۇھاكىمىگە سۇنغانىدى.
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى توشۇلۇپ، ئىچكىرىدىن بولسا ۋەتىنىمىزگە كۆپلەپ كۆچمەن ئئىشچىلارنىڭ توشۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىقتىسادشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ناتوغرا سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، مېدىيا ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.
بىر قىسىم ۋەتەنداشلىرىمىز زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قولىغا قورال ئىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئىلھام توختى بۇنى تېررورلۇق دېگۈچى ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئاشكارا رەت قىلىپ، ئۇلار ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار، نارازىلىقىنى زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلىگۈچىلەر دەپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەكمۇيەك ئەقىل جىڭى ئوينىدى.
ۋەتەندىكى ئىقتىسادى بايلىق، ئىشسىزلىق، نامراتلىق مەسلىسنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، خىتاينىڭ قانۇنى ھەقدارلىق سالاھىيىتىگە سوئال قويدى. پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا سوئال قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئەركىنلىكى بەدىلىگە دۇنياغا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن تونۇمايدىغان ۋە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى ئسپاتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمى ۋە باراۋەر يوسۇندا ھەر قانداق تەكلىپ-پىكىر ئاڭلىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ <<شىنجاڭ -ئەزەلدىن بىزنىڭ ئايرىلماس زېمىنىمىز> > دېگەن داۋاسىدىكى سەمىمىيىتىگە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا گۇمان تاشلاتقۇچى.
ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسەتسۇن ياكى كۆرسەتمىسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىش ۋە ئاسسلماتسيە قىلىش سىياسىتىنى ياكى ئاشكارا ياكى مەخپىي ياكى تىز ياكى ئاستا ياكى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە ھامان ئىجرا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇ قارشىلىقنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەيدۇ. ئىلھام توختى بۇ نۇقتىنى تولۇق بىلىدۇ.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى<< خەلقئارا تېررورلۇق، دىنى زوراۋانلىق > > نىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسەتكەن خىتاي دۆلەت تەشۋىقات ئورگانلىرىغا قارشى يالغۇز تەشۋىقات ئۇرۇشى قىلدى، ھەر قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى زوراۋانلىقى، تېررورلۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېسە، ئىلھام توختى :ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقەللىي قانۇنى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغانلىقىغا كۆرسەتكەن قارشىلىق دەپ كۆرسەتتى، نوپۇزلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى ئىلھام مۇئەللىمنىڭ دەل جايىغا تەگكۈزۈپ ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆپلەپ نەقىل قىلدى، خىتاينىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى تالاي دەلىللەر، پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىدى.
ئىلھام مۇئەللىمنىڭ دادىل مەيدانى مىللەتچى، ئىرقچى خىتايلارنىڭ ئاجىز يېرىگە تەگدى.
نۇرغۇن مىللەتچى خىتاي زىيالىيلىرى ئىلھام مۇئەللىمنى << دۆلەتنىڭ دۈشمىنى، خىتاي مەنپەئىتىنىڭ دۈشمىنى، رادىكال ئۇيغۇر مىللەتچىسى، ھەقىقىي بۆلگۈنچى، تېررورچى > > سۈپەتلىرى بىلەن تەسۋىرلەپ ماقالىلەر يازدى. ئەمما بۇ ئەيىبلەشلەر پەقەت خىتاينىڭ زېمىن تۈرمىسى دائىرىسىدىلا ئىشلىدى، ئەركىن دۇنيا قوبۇل قىلمىدى.
چۈنكى ئىلھام توختى ئۆز مەيدانى ۋە كۆز -قاراشلىرىنى بۈگۈنكى دۇنيا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا سىستېمىلىق ئىپادىلىگەنىدى. دەرۋەقە خىتاي تاجاۋۇزچى بىر دۆلەت، ئۇ ئۇيغۇرنىڭ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ئەمما بۇنى ھېچقانداق بىر دۆلەت خەلقئارا مەتبۇئاتتا، دىپلوماتىيە ئالاقىسىدە ھەرگىز ئاشكارا ئىشلىتەلمەيدۇ. ھەتتا نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنى بىلمەيدۇ ياكى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ھېسداشلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەمۇ خىتاينى ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئىشغال قىلىۋالغان دەپ ئەيىبلەپ باقمىدى. سز ھېچقانداق خەلقئارالىق رەسمىي سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تاجاۋۇزچى، ئىشغالچى، مۇستەملىكىچى ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتىيالمايسىز. . بىر قۇللۇق تۇزۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر تېخىمۇ دېيەلمەيدۇ. ئەمما ئۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىنىڭ جىددىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى، ئىنسانى ھايات ۋە قەدىر-قىممەت، ھوقۇق مەسىلىسى ئەڭ جىددىي ۋە كەسكىن مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭغا مەيلى سياسئون، مەيلى ئاكادېمىك، مەيلى سەنئەتكار ھەممىسى تىز ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك بولغان مەسىلە. ھېچبولمىسا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش كېرەك. ئىلھام توختى ئۆزىگە چۈشكەن بىر كىشىلىك ۋەزىپىنى قولىدىن كېلىشىچە ئەمەس، ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدى.
ئىلھام مۇئەللىم مۇنداق دېگەنىدى:<<جۇڭگو ناھايىتى ھىيلىگەر ھەم كۈچلۈك. نۆۋەتتە بۇ ئويۇننى پەقەت ئۇنىڭ قائىدىسى بىلەنلا ئوينىغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى، قائىدىسىنى ئىگىلەش كېرەك، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇنى قىستاش كېرەك، قولىمىزدىن كېلىدىغىنى شۇ، بىز شۇنچىلىك قىلالايمىز، قالغىنى باشقىلارغا ھاۋالە، ئەمما بۇنى جۇڭگو ھەرگىز خالىمايدۇ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. بىر خەتەر بار، بۇنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ، خىتاي ھەتتا ئۇيغۇرنىڭ قولى ئارقىلىق ماڭا قول سېلىشى مۇمكىن، ئەمما روھى جەھەتتە تەييارلىقىم بار، چېكىنىش يولۇم ياكى خىيالىم يوق> > (2012-يىلى 11-ئاي بېيجىڭ، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)
<<قانچە چوڭ بولسىڭىز، خىتاي سىزنىڭ تەسىرىڭىزدىن شۇنچە قورقىدۇ، شۇڭا ئىشنى تەسرىبار، چوڭراق قىلىش كېرەك > >
ئىلھام مۇئەللىم ئەزەلدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى يۈرەكلىك تەنقىد قىلاتتى.
ئۇ :<<جۇڭگو ئۇيغۇرلارغا ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىدى، جۇڭگو ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلغان قانۇنى ھوقۇقلارنى بەرمىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى، مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن ھەق سۆزلەيمەن > > دېدى.
نۆۋەتتە چەتئەللەردە، ئەركىن دۆلەتلەردە تۇرۇپمۇ، خىتاينىڭ تۈرلۈك رەزىل سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان بىرەر پارچىمۇ پاكىتلىق دوكلات يېزىپ يوللاپ باقمىغان پائالىيەتچىلەرنى كۆرىمىز. ئىمكانى تۇرۇقلۇقمۇ ئىشغالچى، زوراۋان، يالغانچى خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئەمەس، ئاجىز ۋە ئامالسىز ئۇيغۇر خەلقىنى، ئۆز قېرىنداشنى ھاقارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى كۆرىمىز. ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە سۈكۈتتە تۇرىدىغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى كۆرىمىز. تېخى ۋەزىيەت ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ قاتتىق بىر باسقۇچقا كەلگەن بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتىمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.
ئۇ بىزگە كۈرەشنىڭ بىر-بىرىنى تىللاش بىلەن ئەمەس، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش، ئۇيغۇرنى قوغداش، ھەق ۋە دۇرۇس گەپ قىلىش، قەلەم ۋە ئەقىلنى تەڭ ئىشلىتىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.
ئىلھام مۇئەللىم بىزگە ئۇيغۇر ئەركىنلىكىنىڭ ئەقىل ۋە ئىقتىدار بىلەن بولىدىغانلىقىنى، مۇھىمى پاكىز قەلب بىلەن، پىداكارلىق ۋە بەدەل بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن تىرىك ئۈلگە. ئۇنىڭ كۈرەش رورھى-ئۇيغۇرنىڭ روھىدۇر. ئىلھامنىڭ كۈرەش روھى -ئۇيغۇرغا ئىلھامدۇر.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇن ئىلغار شەخسلىرى ۋە زىيالىيلىرى قاماققا ئىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى، سياسەتكە نىسبەتەن كونكرېت كۆز قاراشلىرى تاشقى دۇنياغا نامەلۇم ئىدى.
قاماققا ئىلىنغان نۇرغۇن كىشىلەر بىر كونكرېت ھادىسە، ياكى ئىبادەت سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنىۋاتقان بولۇپ، . ئومۇمى خەلق دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ھەققىدە سىستېمىلىق پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانى بولمىغانىدى.
ئىلھام توختى بىر ئىنسانپەرۋەر، بىر ھەققانىيەتچى، ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىسى
ئۇ باشقا تۇمەنمىڭلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش قانداقتۇر ئامالسىز سىياسىي پائالىيەتچى بولۇۋالغان ياكى تاسادىپىي بولۇپ قالغان شەخس ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مىللىي مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقىنى، سەنئىتىنى، بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە جەمئىيىتىنى سىستېمىلىق ئۆگەنگەن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بىر شەخس .
ئىلھام مۇئەللىم ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەتتى، بۇنى پەقەت ماقالە، لېكسىيە، پائالىيەتلەردە ئەمەس، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا، يۇرتداشلارغا ئەمەلىي كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئىقتىسادى ۋە ماددىي جەھەتتە قولىدىن كېلىشسە مېھىر بېرىش بىلەن ئىپادىلەيتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى سەلتەنىتىدىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئازابلىق تەقدىرىنى تىلغا ئالغاندا ئاۋازى تىترەيتتى، چىرايىدا قايغۇ ۋە غەزەپ ئەكس ئېتەتتى.
ئۇ بېيجىڭدا تەشكىللىگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، مۇھاكىمە مۇنبەرلىرى، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ تەسىس قىلدۇرغان ئوقۇش مۇكاپاتلىرى شۇ دەۋردە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ياشلار ھەممىسى بۈگۈنكى دەۋردە خىتاي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئىبارەتتۇر.
ۋەتەندە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك شەخسى مەسىلىسى سەۋەبىدىن يەنى كىيىنىشى، ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك دىنى ئېدقادى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرگەن ئىدى، ئەمما ئىلھام ئەپەندى شۇ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بەدىلىگە كىردى.
ئۇيغۇرلار ئىلھام توختىنى يالغۇز قويغانىدى.
ئىلھام توختى ئۇيغۇرنىڭ ئىنسانى ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ مەنىۋى قوللىشى، تىلەكلىرىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىگە قامىلىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىك كىشىلەر بىلەن ئالاقىسى راۋان ئەمەس ئىدى، بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇئەللىملەر ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىپ قورقۇتۇپ، <<ئىلھامنىڭ ھەر جۈمە كۈنلۈك
سىياسىي تېمىلاردىكى سەزگۈر لېكسىيىلىرى> > گە قاتناشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىرى بولدى.
ئىلھام مۇئەللىم بىلەن يىراقتىن كۆزلىشىپ قويۇپ، سالام-سائەتتىن قاچقانلارمۇ بولدى. مۇئەللىممۇ باشقىلارغا :<<ئەگەر مەن بىلەن ئالاقىلىشىش سلەرگە خەۋپ يەتكۈزسە سىلەر مەندىن نېرى تۇرساڭلار بولىدۇ> > دېدى. بېيجىڭغا خىزمەت، ئوقۇش، سودا ئۈچۈن بارىدىغان يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇڭدىشىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ يېگانە ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانلىقى ھەققىدە :<<مەن بىر ئالاھىدە ئىش قىلغىنىم يوق، پەقەت بىلگەنلىرىمنى، يوللۇق دەپ قارىغانلىرىمنى مۇشۇلار ئۆزى ۋەدە قىلغان، بىېكىتكەن ئۇسۇل ۋە ئۆلچەملەر بويىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم،
ئەگەر ئۈرۈمچىدە تەسرى بار زىيالىيلار ھەممىسى راست سۆزلىسە، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ناتوغرا تەرەپلەرنى مۇشۇلارنىڭ قانۇنى بويىچە رەت قىلسا، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمىسىمۇ، ھېچبولمىسا بەزەن ھوقۇقلىرىمىز كاپالەتكە ئىگە بولسا، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز بولسىمۇ ساقلىنىپ قالاتتى. ئەمما ئەپسۇس قولدىن كېتىدىغان ئاخىرقى نەرسىمىز مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز بولمىسا بولاتتى، ئاسسلماتسيە قەدىمىنى تېزلەشتۈرىۋاتىدۇ، ئەمما مەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىشىنىمەن، بىزدە ئۆتكۈر ھەققانىيەت روھى بار، قەيسەرلىك قارشىلىق بار، بىزنى يوقىتىش ئاسان ئەمەس> > دېگەنىدى.
، ھاكىمىيەت ھەتتا ئۇ ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتىغا، ئانىسىنى يوقلاشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشكە ئەركىن بېرىپ كېلەلمىدى، بارغاندا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىردەك نازارەت ئىچىدە بولدى. بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشكە بارغاندا، جان-جىگەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرى :<<ئەمدى بىزنى كۆرۈشكە كەلمە > > دېگەنىدى، ئىلھام توختى مۇشۇ ھېكايىنى دەپ بەرگەندە يىغلىغانىدى
تۆلىگەن بەدەل ۋە ياراتقان ئۇنۇم
ئىلھام توختى ھەققانىيەت مەيدانى ئۈچۈن بارلىق سۆيگەن كىشىلىرىدىن ۋە ئىرىشكەنلىرىدىن ئايرىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە ئازابلىق تۈرمىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. شەخسى ئازابتىن باشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بالىلىرىنىڭ روھى ئازابىنى، سىغىنىشنى چېكىۋاتىدۇ. مۇھىمى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خەلقىنىڭ كۆپ ساندا قامىلىپ تېخىمۇ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى يۈرىكى ئازاب ئىچىدە شاھىت بولۇۋاتىدۇ.
ئىلھام توختى ئەينى چاغدا بېيجىڭدا ياشايدىغان باشقا 7000نەپەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭلا غېمىنى قىلىپ، خىزمىتىنى ئىشلەپ، بىر كىشىلىك تۇرمۇشنى ئۆتكۈزسە تامامەن بولىدۇ، شۇنداق قىلسىمۇ ئۇنى ئۇيغۇر جامائىتى خۇددى بېيجىڭدىكى باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش <<ئالىي ئوقۇللاردا بىلىم بېرىۋاتىدۇ، ياخشى پەرزەنت تەربىيىلەۋاتىدۇ، چوڭلارغا ياخشى قاراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالىيسى > > دەپ ھۆرمەت قىلىۋېرەتتى، پەخىرلىنىۋىرەتتى، ئۇنىڭ ئىلمى ئىقتىدارىدىن باشقا ئىقتىسادى ئېڭى ھەر قانداق يۇرتداش ئاتۇشلۇقلارغا ئوخشاش ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى، پاي چېكى سودىسىدا تەجرىبىسى بار . مەبلەغ سېلىپ ئۇتۇق قازانغان تارىخى بار. مۈلكى بار ئىدى.
ئىلھام توختى يەنە ۋەتەننىڭ ئۆزىدىكى يۈز مىڭلىغان كادىرلار، ئون مىڭلارچە زىيالىيلارغا ئوخشاش، سۈكۈتنى تاللىسا بولاتتى، ئۇنى ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىمايتتى، ئەكسىچە سۈكۈت قىلسا ئائىلىسىنى قوغداپ قالالايتتى، يۇقىرى ئورۇن ۋە ھوقۇققا ئېرىشىپ خاتىرجەم ياشىيالىشى مۇمكىن ئىدى.
يالغانچى ۋە زالىم ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا نەچچە رەت ئۆز مەيدانىدىن ۋاز كېچىش پۇرسىتى بەردى، نەسىھەت قىلدى، قورقۇتتى، مال-دۇنيا ۋە ھوقۇق بىلەن قىزىقتۇردى، ئۆلۈم ۋە تۈرمە بىلەن تەھدىت سالدى. ئەمما ئۇ يەنە داۋاملىق ئۆزىنىڭ ھەققانىيەت كۆرۈشنى تاللىدى.
مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىكنى ئۆلچەم قىلىپ دۈشمەنلىك قىلدى . ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تارتقۇلار ئۇنىڭغا <<خەلقئارا ئىنسانى ھوقۇق قانۇنى > > ۋە ئۇنىۋېرسال ئىنسانى قىممەت قاراشلار
تەسىرى:
ئىلھام ئەپەندىنىڭ ھاياتى، كۆز قاراشلىرى بىز ئۈچۈن چۈشىنىشكە ئەرزىيدىغان بىر ساھە
بىر نۇقتا ئېنىقكى، دۇنيا مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تەقدىرى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپكە كەلدى، بۇنى ئىنگلىز تىلىدا خەۋەر، مۇلاھىزە ئوقۇيدىغان بىلمىسىمۇ ھېچبولمىسا ئەركىن ئاسىيانىڭ ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرىنى ئوقۇغانلارمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. بولۇپ، بىز ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە يېتەرلىك خىزمەت ئىشلىمىدۇق. ئەمما دۇنيا مىقياسىدا 50خىلدىن ئارتۇق تىلدا ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە ئئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەر، مەخسۇس خەۋەرلەر، يېزىلغان كىتابلار، ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يېغىنلىرى، ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە سۆز قىلغان دۇنياۋى مەشھۇر شەخسلەر، ئىلھام توختى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلات باياناتلىرى بىزگە ئىلھام توختىنىڭ بۈگۈنكى ئئىنسانىيەت ھوقۇقچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ جىددىي مۇئامىلە قىلىنغان بىر دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام مۇئەللىمدەك ئوسال ۋە رەسۋا قىلىپ باقمىدى. خىتاي رەھبەرلىرى، تاشقى ئئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئىلھام مۇئەللىمدەك تەڭقىسلىقتا قالدۇرۇپ باقمىدى، ھېچكىم سەۋەبلىك خىتاي دىپلوماتلىرىنى چەتئەللەردە ئىلھام مۇئەللىمدەك تولا سوئال-سوراققا دۇچار قىلىپ باقمىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تارماقلىرى، دۆلەت مەجلىسى تۈرلۈك پاكىت ئاڭلاش يېغىنى چاقىردى ۋە بايانات ئارقىلىق خىتاينىڭ ئئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان باستۇرۇش قىلمىشنى ئەيىبلىدى.
ئىلھام ئەپەندىنىڭ كۆرۈشى بىر ھەققانىيەت كۆرۈشى بولۇپ، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە زېمىندا قولىدىن كۈلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە خىزمەتنى قىلدى، ئۇ زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلىيەلىگەن ھەقىقىي كۈرەشچىدۇر. ئۇنىڭ <<دۈشمەنلىرى> > ئۇ كۈرەش قىلغان بۇ ھەقىقەتنى، ئۆزلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما قەلبى قارىداپ كەتكەن، ئادالەت، ھەقىقەت دېگەنلەردىن مەڭگۈ يىراق ھاكىمىيەت ئۇنى ئېتىراپ قىلمايتتى .
ئىلھام ئەپەندىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە غەرب دۇنياسىغا چوڭقۇر تونۇتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك چەتئەلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاممىسى پاناھلىققا ئېرىشىۋاتىمىز، چۈنكى ئۇنىڭ دېلو مىسالى بارلىق دۆلەتلەردىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى، كۆچمەنلىك ئادوۋكاتلىرىغا تونۇشلۇق. ھەم ئۇلار خىتايدا ئىلھام توختىغا ئوخشاش قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ سۆزلىسىمۇ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ، ۋەتەن ئىچىدە ھېچقانچە بەدەل تۆلىمەي پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ دىلوسنىڭ قوبۇل بولۇشىغا ئاسانلىق ياراتتى.
ئىلھام مۇئەللىم ۋە ئائىلىسىگە ياراتقۇچىمىزدىن تېزرەك خاتىرجەم جەم بولۇشنى تىلەيمەن، مۇستەملىكىچى زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ ۋەيران بولۇشنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا ھاياتى بەدىلىگە ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارغا تۆھمەت قىلغۇچىلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىلھام مۇئەللىمنىڭ كۈرەش روھى ئۇيغۇرغا ئىلھام.
يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرى ئىلھام مۇئەللىمنىڭ پىداكارلىق، ھەقىقەتپەرەۋەرلىك، ئىلمىيلىك، خەلقىنى سۆيۇش روھىدىن ئۆگىنىشى كىرەك.
ۋاشنگىتون، 2018-يىلى، 28-يانۋار
( بۇ يازما ئەسلى فەيسبۇك بېتىدە ئىلان قىلىنغان بۇلۇپ، ئاپتۇرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن مەزكۇر سەھىپىگە چىقىرىلدى)