ئىلھام توختى ئىلگىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. تىنچلىق بىلەن جۇڭگو ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، ۋە بۇ سەۋەب 2014 – يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
ئىلھام توختى ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى، ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. 2014 -يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر بىز تورىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ئىنتېرنېت يۈزىدە ئېلان قىلغانلىرى ۋە نۇتۇق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلقلەرگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئاكادېمىك جەھەتتە بولسا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرىنى تەتقىق قىلغان
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تۈنۈگۈن كەچ شۇنچە ھارغىنلىق بىلەن ئۇخلىغانىدىم. بۈگۈن بامدات ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشۈم بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. چۈشۈمدە بىر ئىككى مۇھىم نۇقتا بار، شۇڭا بۇ چۈش بولسىمۇ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ ئىلھامكامنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىدار، مەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامكامنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، خەلقئارا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئورتاق بېسىم چۈشۈرۈشنى
ئىككىنچى ئىلھام توختى نەدە (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتقۇن بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتە باياناتلار ئېلان قىلىندى، خەۋەرلەر ئىشلەندى، ئۇيغۇرلار قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى قىلىپ باقتى. ئەمما ھېچ بىر خەلقئارالىق مەتبۇئاتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتمىدى. مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر خەلقئارالىق تاراتقۇدا بۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىنمىدى. ئابدۇرېھىم ھېيت تۇتۇلغاندا تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ جىمىپ كېتىشىگە ھەيران قالغان بولساق، ئابدۇقادىر