ئىلھام توختى ئىلگىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. تىنچلىق بىلەن جۇڭگو ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، ۋە بۇ سەۋەب 2014 – يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
ئىلھام توختى ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى، ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. 2014 -يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر بىز تورىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ئىنتېرنېت يۈزىدە ئېلان قىلغانلىرى ۋە نۇتۇق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلقلەرگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئاكادېمىك جەھەتتە بولسا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرىنى تەتقىق قىلغان
تۇنيۇقۇق بىلگە ئىلھام توختى مۇئەللىم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى گوللاندىيەدىكى دەنخاخدا تارقىتىلغان “ ئەركىنلىك مۇكاپاتى“غا نائىل بولدى. تۈرمىگە كىرىپ كەتكىنىگە 3 يىل بولغان ئىلھام توختى مۇئەللىمگە ۋاكالىتەن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. ئىلھام توختى مۇئەللىم توغرۇلۇق ئەڭ دەسلەپكى خاتىرەم كوچا پاراڭلىرى ئىدى. تۇنجى قېتىم بىيجىڭغا بارغاندا ئىلھام توختى مۇئەللىمنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئەڭ باي
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قارا كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىسى، خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دوتسېنتى ، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىندى. ئەينى كۈنى ۋە شۇ ھەپتىسى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم
ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى، باياناتلىرى ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىدى. ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان، ئادالەتنىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.