ئىلھام توختى ئىلگىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. تىنچلىق بىلەن جۇڭگو ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، ۋە بۇ سەۋەب 2014 – يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
ئىلھام توختى ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى، ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. 2014 -يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر بىز تورىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ئىنتېرنېت يۈزىدە ئېلان قىلغانلىرى ۋە نۇتۇق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلقلەرگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئاكادېمىك جەھەتتە بولسا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرىنى تەتقىق قىلغان
ئاتامنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن ۋاقتىم 2012-يىلى 2-فىۋرال كۈنى بولۇپ، ئۇ چاغدا بىز بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئىدۇق. ئاتام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتى(Indiana University) غا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىر يىللىق ئۆگىنىشكە بارماقچى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتام بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بارماقچى ۋە ئۇ يەرلىشىۋالغۇچە بىر قانچە ھەپتە ھەمدەمدە بولماقچى
RFA 30-نويابىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ يىغىن زالىدا بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىن ئېچىلدى. باش ئورگىنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بۇ يىغىندا 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى داغدۇغا بىلەن جاكارلاندى. مۇكاپات ساھىبى قاماقتا بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى داۋالىرى بىلەن