ئىلھام توختى ئىلگىرى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى. تىنچلىق بىلەن جۇڭگو ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان، ۋە بۇ سەۋەب 2014 – يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
ئىلھام توختى ئاتۇش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى، ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەن. 2014 -يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر بىز تورىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ئىنتېرنېت يۈزىدە ئېلان قىلغانلىرى ۋە نۇتۇق مۇلاھىزىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلقلەرگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئاكادېمىك جەھەتتە بولسا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىرىنى تەتقىق قىلغان
ناۋادا سز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئەسىردىكى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا ئىشەنمىسىڭىز، ھەتتا چېكىنىپ كەتتى، دەپ قارىسىڭىز، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى باشتىن-ئاخىر قايتا-قايتا تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ چىقسىڭىز بولغىدەك. شۇندىلا سىز ئەينى زاماندىكى ”باردۇر“دىكى ئازابلىق نىدالارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھەقىقىتىگە ئاجايىب باب كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز! ئۇيغۇرلار خاتىرىسىدىن مەھرۇم قالغان، خاتىرىسى بولمىغانلىقتىن تۈنۈگۈن ئىشتكەنلىرىنى بۈگۈن ئۇنتۇيدۇ، ئەتە قايتا ئاڭلىغىنىدا يېڭىلىق ھېس
(ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلھام توختىغا ئاتاپ يازغان شېئىرى) مۇقەددىمە كۆرۈشۈش نېسىپ بولمىسىمۇ گەر، قەلبىمىز ئۇچراشقان بولسىچۇ ئەگەر. سىزنىڭ ئىزىڭىز قالدى قەلبىمدە، سۆزىڭىز،ئۆزىڭىز تېپىلماس گۆھەر. ***
6-ئاينىڭ 26-كۈنى يۇز بەرگەن قانلىق ۋەقە، يۇتۇب ئارقىلىق نەق مەيداندا يۇز بەرگەن ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. مەن بۇ ۋەقەنى ”ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى سۈركىلىش“ دىيىشكە قىلچە تىلىم بارمايدۇ، مەن بۇ ۋەقەنى 1949-يىلىدىن بېرى جوڭگودا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق مىللى ئۆچمەنلىك خاراكتېرىنى ئالغان ئەڭ ئېغىر ”ئىرقى قاتىللىق“ دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. شاۋگۈئەنلكلەر ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا شاۋگۈئەنلىك
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تۈنۈگۈن كەچ شۇنچە ھارغىنلىق بىلەن ئۇخلىغانىدىم. بۈگۈن بامدات ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشۈم بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم. چۈشۈمدە بىر ئىككى مۇھىم نۇقتا بار، شۇڭا بۇ چۈش بولسىمۇ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، بۇ ئىلھامكامنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىدار، مەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامكامنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، خەلقئارا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئورتاق بېسىم چۈشۈرۈشنى
ئىككىنچى ئىلھام توختى نەدە (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن تۇتقۇن بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتە باياناتلار ئېلان قىلىندى، خەۋەرلەر ئىشلەندى، ئۇيغۇرلار قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى قىلىپ باقتى. ئەمما ھېچ بىر خەلقئارالىق مەتبۇئاتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتمىدى. مۇشۇ كۈنگىچە بىرەر خەلقئارالىق تاراتقۇدا بۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىنمىدى. ئابدۇرېھىم ھېيت تۇتۇلغاندا تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ جىمىپ كېتىشىگە ھەيران قالغان بولساق، ئابدۇقادىر
ئافراسياپ ئىلھام توختى كۆز-قاراشلىرى، ئەسەرلىرى، پائالىيەتلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، مەيدانى ۋە ھاياتى غايىسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە. <<ئىلھام توختى> > دېگەن كىشىگە باھا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنى چۈشىنىش كېرەك، ئىلھام توختى ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر شەخس، ئىلھام توختى بىر ئىقتىسادشۇناس، كەسپى ئىلىم ئەھلى. ئىلھام توختىنىڭ مەيدانى ۋە ھاياتىغا باھا بېرىشتە، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قانداق ئىجتىمائىي
تۇنيۇقۇق بىلگە ئىلھام توختى مۇئەللىم 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى گوللاندىيەدىكى دەنخاخدا تارقىتىلغان “ ئەركىنلىك مۇكاپاتى“غا نائىل بولدى. تۈرمىگە كىرىپ كەتكىنىگە 3 يىل بولغان ئىلھام توختى مۇئەللىمگە ۋاكالىتەن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. ئىلھام توختى مۇئەللىم توغرۇلۇق ئەڭ دەسلەپكى خاتىرەم كوچا پاراڭلىرى ئىدى. تۇنجى قېتىم بىيجىڭغا بارغاندا ئىلھام توختى مۇئەللىمنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدىكى ئەڭ باي
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قارا كۈن بولدى. بۇ كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىسى، خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دوتسېنتى ، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىندى. ئەينى كۈنى ۋە شۇ ھەپتىسى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم
ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر بىز تور بېكىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار دا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى، باياناتلىرى ئارقىلىق سىرتقى دۇنياغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە قارشى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىدى. ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان، ئادالەتنىڭ تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدى.
ئاتامنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن ۋاقتىم 2012-يىلى 2-فىۋرال كۈنى بولۇپ، ئۇ چاغدا بىز بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئىدۇق. ئاتام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتى(Indiana University) غا زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىر يىللىق ئۆگىنىشكە بارماقچى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتام بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بارماقچى ۋە ئۇ يەرلىشىۋالغۇچە بىر قانچە ھەپتە ھەمدەمدە بولماقچى
Page 1 of 2